نامەلۇم كىشىلەر كابۇلدىكى خەۋپسىزلىك تارماقلىرىغا ھۇجۇم قىلدى

ئافغانىستان پايتەختى كابۇلدا خەۋپسىزلىك تارماقلىرىغا قىلىنغان قوراللىق ھۇجۇمدا ئىككى بىخەتەرلىك خادىمى جېنىدىن ئايرىلدى.

1315840
نامەلۇم كىشىلەر كابۇلدىكى خەۋپسىزلىك تارماقلىرىغا ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ناسرات راھىمى مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، خەۋپسىزلىك تارماقلىرىنىڭ كابۇلدىكى ياكا تۇتۇ رايونىدا كىملىكى نامەلۇم قوراللىق كىشىلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ ھۇجۇمدا، ئىككى بىخەتەرلىك خادىمىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، ئۈچ خادىمنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ھۇجۇمنى پەيدا قىلغانلارنىڭ رايوندىن قېچىپ كەتكەنلىكىنى، ئۇلارنى تۇتۇش ھەرىكىتىنىڭ باشلانغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ھۇجۇمغا ھازىرچە ھېچقانداق تەشكىلات ياكى شەخس جاۋابكار بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر