خىتاي ئامېرىكاغا ئېمبارگو يۈرگۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

خىتاي دائىرىلىرى ئامېرىكانىڭ خوڭكوڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە قانۇن تەكلىپىنى تەستىقلىغانلىقىغا جاۋابەن، ئامېرىكا ھەربىي پاراخوتلىرىنىڭ خوڭكوڭ زىيارىتىنى توڭلىتىپ قويىدىغانلىقلىرىنى جاكارلىدى.

1316230
خىتاي ئامېرىكاغا ئېمبارگو يۈرگۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ ئامېرىكا پالاتاسىنىڭ ھەر ئىككى قانىتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەن خوڭكوڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە قانۇن تەكلىپىنىڭ، ئەسلىدە خوڭكوڭنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئېغىر دەرىجىدە ئارىلىشىۋالغانلىق بولىدىغانلىقىنى تەكرارلىدى.

خۇا چۇنيىڭ بۇ قانۇن تەكلىپىگە جاۋابەن، ئامېرىكا ھەربىي پاراخوتلىرى ۋە ئايروپىلانلىرىنىڭ خوڭكوڭدا ئۆتكۈزىدىغان رەسمىي زىيارەتلىرىنى توختىتىپ قويىدىغانلىقى ھەمدە يەنە، ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن، خوڭكوڭ خەلق دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتى، خەلق دېموكراتىيە ئىنسىتىتۇتى، خوڭكوڭ كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى قاتارلىق خىتاي تەرەپ «خوڭكوڭدا يېقىندىن بۇيان ياخشى ئىش قىلمىدى» دەپ باھا بەرگەن ئونلىغان تەشكلاتلارغىمۇ خىتاينىڭ ئېمبارگو يۈرگۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئالدىنقى ئاينىڭ ئاخىرى پالاتانىڭ ھەر ئىككى قانىتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈپ ئۆز ئۈستىلىگە كەلگەن خوڭكوڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكارتىيە قانۇن تەكلىپىنى تەستىقلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

بۇ قانۇنغا بىنائەن، خوڭكوڭدىكى نامايشىلاردا نامايىشچىلارغا قىلىنغان زورۋانلىق ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە مەسئۇل خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ئېمبارگو يۈزگۈزۈلىدۇ.

خوڭكوڭدا ئىيۇن ئېيىدا گۇماندارلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرش قانۇن تەكلىپىگە قارشى باشلانغان نامايىشلاردا، يېقىندىن بۇيان زوراۋانلىق قىلىش ۋە نامايىشچىلار بىلەن توقۇنۇشۇپ قىلىش ۋەقەلىرى كۆپىيىپ قالغان ئىدى.

رەسمىي مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، خوڭكوڭدا ئىيۇن ئېيىدىن بۇيان 5000 دىن كۆپرەك نامايىشچى نازارەتكە ئېلىنغان. 

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر