دائېش ئىراقتا ھاشدۇششەئبىنىڭ بازىسىغا ھۇجۇم قىلدى

ئىراقنىڭ شەرقىدىكى دىيالا شەھىرىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش قىلغان ھۇجۇمدا، ھاشدۇششەئبى قىسىملىرىدىن 2 مىلىتان ئۆلۈپ، 5 مىلىتان يارىدار بولدى.

1315790
دائېش ئىراقتا ھاشدۇششەئبىنىڭ بازىسىغا ھۇجۇم قىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى؛ ئىراق ساقچى مەسئۇللىرىدىن يۈز بېشى ھەبىب ئەششەمرى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئەزالىرىنىڭ دىيالانىڭ شەرقىدىكى نىفتخانە رايونىداھاشدۇششەئبى بازىسىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. 

ھەبىب ئەششەمرى ھۇجۇمدا ھاشدۇششەئبى مىلىتانلىرىدىن 2 كىشى ئۆلۈپ، 5 كىشىنىڭ يارىدار بولغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

تېررورليق تەشكىلاتى دائېش 2014 - يىلى ئىيۇل ئېيىدا مۇسۇل قاتارلىق ئىراقنىڭ نۇرغۇنلىغان شەھەرلىرىنى (ئىراق تىررېتورىيەسنىڭ ئۈچتەن بىرىنى) ئالقىنىغا كىرگۈزىۋالغان بولۇپ، 2017 - يىلى دېكابىردا دائېشنىڭ كونتىرۇللۇقىدىكى جايلارنىڭ ئاساسلىق كۆپ قىسمى قايتۇرۇپ ئېلىنغان ئىدى


خەتكۈچ: #ھۇجۇم , #دائېش

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر