ترامپ جونسونغا تەزىيە بىلدۈردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسونغا تېلېفون قىلىپ تەزىيە بىلدۈردى.

ترامپ جونسونغا تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى لوندوندا مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسونغا تېلېفون قىلىپ تەزىيە بىلدۈردى.

ئاقساراينىڭ بۇ ھەقتىكى يازما باياناتىدا، «ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ جۈمە كۈنى لوندوندا مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسونغا تەزىيە تىلەكلىرىنى يەتكۈزدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

ئىككى رەھبەرنىڭ يەنە، ئەنگلىيەدە چاقىرىلىدىغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو باشلىقلار يىغىنىدا ئۇچرىشىپ، بىر قاتار مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆزلىشىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

جۈمە كۈنى لوندون كۆۋرۈكىدە مەيدانغا كەلگەن پىچاقلىق ھۇجۇمدا 2 ئادەم جېنىدىن ئايرىلغان، 3 ئادەم يارىلانغانىدى؛ 5 ئادەمگە پىچاق تىققان ھۇجۇمچى ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنىدى.

ۋەقەگە «تېررورلۇق ھۇجۇمى» دەپ باھا بەرگەن ساقچىلار، ھۇجۇمچىنىڭ يېنىدىكى بومبىنىڭ ساختا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر