مېكسىكانىڭ ئامېرىكا چېگراسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ 14 ئادەم ئۆلدى

مېكسىكانىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى چېگراسىغا يېقىن جايدا خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بىلەن قوراللىق كىشىلەر توقۇنۇش يۈز بېرىپ، 14 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى.

1315385
مېكسىكانىڭ ئامېرىكا چېگراسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ 14 ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كۇاخۇئىلا ئۆلكىسى ۋالىيسى مىگۇئېل ئانگېل رىكۇئېلمې، قوراللىق كىشىلەرنىڭ ئاپتوموبىللار بىلەن ۋىللا ئۇنىئون بازىرىغا بېسىپ كىرىپ، مەھەللىي ھۆكۈمەت بىنالىرىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن فېدېراتسىيە خادىملىرىنىڭ ۋەقەگە مۇداخىلە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

شەرقىي شىمال بۈركۈتى گۇرۇھىنىڭ ئەزالىرى بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىلىۋاتقان قورالىق كىشىلەر بىلەن خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ئارىسىدا بىر سائەت داۋاملاشقان توقۇنۇشتا 4 نەپىرى ساقچى بولۇپ جەمئىي 14 ئادەمنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى، شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ بەزى ئىشچىلىرىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

رىكۇئېلمې، خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ ۋەزىيەت مۇقىملىشىپ بولغۇچە يەنە بىر قانچە كۈن بازاردا تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر