ترامپ ئۆزىنىڭ كىرىشتۈرمە فوتو - سۈرىتىنى ئورتاقلاشتى
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، بېشى داڭلىق ئارتىس روكي بالبوانىڭ گەۋدىسىگە كىرىشتۈرۈلگەن بىر پارچە فوتو – سۈرىتىنى ئورتاقلاشتى.
1313762
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنتلىققا سايلانغاندىن بۇيان تىۋىتتېر ئۇچۇرلىرى بىلەن كۈنتەرتىپتىكى ئورنىنى ساقلاپ كەلگەن ترامپ، يەنە بىر قېتىم غەلىتە بىر كىرىشتۈرمە فوتو – سۈرىتى بىلەن ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.
پىرېزىدېنت ترامپ، رولىنى ئارتىس سايلۋېستېر ستالون ئوينىغان مەشھۇر روكي بالبوانىڭ گەۋدىسىگە ئۆز بېشى كىرىشتۈرۈلگەن بىر فوتو – سۈرەتنى ئورتاقلاشتى؛ ئۇنىڭ بۇ ئۇچۇرى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئون مىڭلارچە كىشىنىڭ ياقتۇرۇشى ۋە ئورتاقلىشىشىغا ئېرىشتى، بەزىلەر ئۇچۇرنىڭ ئاستىغا «دونالد بالبوا» دەپ يازدى.
دونالد ترامپ بۇ فوتو – سۈرەتنى ئىنستېگرام ئادرېسىدىمۇ ئورتاقلاشتى.