سەئۇدى ئەرەبىستان ئاتاقلىق ئىسلام ئالىمى سەلمان ئەل ئەۋدەنىڭ سوت قارارىنى يەنە ئارقىغا سۆزدى

سەئۇدى ئەرەبىستاندا نازارەتكە ئېلىنغان ئاتاقلىق ئىسلام ئالىمى سەلمان ئەل ئەۋدە ھەققىدە تۈنۈگۈن سوت قارارى چىقىشى مۆلچەرلەنگەن بولۇپ، بىراق سوتتا قارار ۋاقتى 2020- يىلى 30 - يانۋارغا ئۇزارتىلدى.

1313950
سەئۇدى ئەرەبىستان ئاتاقلىق ئىسلام ئالىمى سەلمان ئەل ئەۋدەنىڭ سوت قارارىنى يەنە ئارقىغا سۆزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەلمان ئەل ئەۋدەنىڭ تىۋىتتېردىلا تەخمىنەن 13 مىليون 400 مىڭ ئەگەشكۈچىسى بار بولۇپ، ئۇ ئالەمشۇمۇل شۆھرەتكە ئىگە ئاكتىپ سۇنئىي ئىسلام ئالىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئالدىنقى ئورۇندا تۇراتتى.

سەئۇدى ئەرەبىستاندا 2017يىلى تۇيۇقسىزلا نازارەتكە ئېلىنغان سەلمان ئەل ئەۋدە، تەخمىنەن بىر يىل كېيىن سوتقا چىقىرىلغاندا، «تېررورلۇق تەشكىلاتىغا رەھبەرلىك قىلىش، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ قاتار ئۈچۈن يولغا قويغان ئېمبارگوسىغا قارشى چىقىش، مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى بىلەن ھەمكارلىشىش، قاتار پادىشاھ ئائىلىسى بىلەن مۇناسىۋىتى بولۇش، دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت يارىتىش، زوراۋانلىققا كۈشكۈرتۈش...» قاتارلىق 37 خىل جىنايەت بىلەن ئەيىبلەنگەن ئىدى. 

سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقجىمۇ كونسۇلخانادا سۇيقەست قۇربانى بولۇشتىن ئىلگىرى 2018يىلى 2ئۆكتەبىردە، بىر پىروگراممىغا قاتنىشىپ، سەلمان ئەل ئەۋدەنىڭ نازارەتكە ئېلىنىشى مەسىلىسىدە سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلماننى ئەيىبلىگەن ئىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقجى: «مۇھەممەد بىن سەلمان ئۆزىگە قارشى كىشىلەرنى مەيلى قانداق بەدىلى بولۇشىدىن قوتئىي نەزەر يوقىتىدۇ. ئەگەر سەلمان ئەل ئەۋدە ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنسا، ئۇنىڭ رادىكال بولغانلىقى سەۋەبىدىن ئەمەس، دەل ئەكسىچە ئۇچۇق پىكىرلىك ۋە مۆتىدىل ئىسلامىي پوزىتسىيە تۇتىدىغان ئالىم بولغانلىقى سەۋەبىدىن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىمۇ تەھدىت دەپ قارالماقتا» دېگەن ئىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتە ئارخىپى ئانچە ياخشى بولماسلىقتىن باشقا يەنە، تەخت ۋارىسى مۇھەممەد بىن سەلماننىڭ سىياسەت ساھەسىدە يۇقىرى ئۆرلىشى بىلەن تەڭ، ئالدىنقى قاتاردىكى پائالىيەتچىلەرنى، ژۇرالىستلارنى ۋە دىنىي ئالىملارنى تۇتقۇن قىلىش تېخىمۇ ئەۋج ئالغان ئىدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر