يەمەندە بىرلەشمە قىسىم 200 نەپەر خۇسىينى قويۇپ بەردى

يەمەندە سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە قىسىم 200 نەپەر خۇسىينى قويۇپ بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

1313227
يەمەندە بىرلەشمە قىسىم 200 نەپەر خۇسىينى قويۇپ بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى «SPA» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بىرلەشمە قىسىم باياناتچىسى تۈركىي ئەل مالىكى ئەسىر ئالماشتۇرۇشقا قارىتا ئىجابىي پوزىتسىيە تۇتقانلىقىنى ۋە يەمەندىكى مەۋجۇت كىرىزىسنى ھەل قىلىش ئۈچۈن سىتوكھولىم ئەھدىنامىسىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تۈركىي ئەل مالىكى بۇ دائىرىدە 200 نەپەر خۇسىينىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئېيتقان.

سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە قىسىم باياناتچىسى يەنە، خەلقئار سەھىيە تەشكىلاتى بىلەن ھەمكارلاشقان ئاساستا پايتەخت سانادىن داۋالىنىش ئۈچۈن چەت ئەللەرگە بارىدىغانلارغا مەخسۇس ئايروپىلان سەپەرلىرى باشلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

خۇسىيلارنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىدىن مۇھەممەد ئەلى ئەل خۇسىمۇ تىۋىتتېر ھېسابىدىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئەسىرلەرنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى مەمنۇنلۇق بىلەن قارشى ئالغانلىقىنى ئېيتقان. 

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر