ئىران، رۇسىيە ۋە خىتاي مانېۋىر ئۆتكۈزمەكچى

ئىران دېڭىز ئارمىيە قوماندانى ھۈسەيىن خانزادى پات ئارىدا رۇسىيە ۋە خىتاي دېڭىز ئارمىيە قىسىملىرى بىلەن ھىندى ئوكياننىڭ شىمالىدىكى ئۇممان دېڭىزىدا مانېۋىر ئۆتكۈزىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1313539
ئىران، رۇسىيە ۋە خىتاي مانېۋىر ئۆتكۈزمەكچى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران دېڭىز ئارمىيە قوماندانى ھۈسەيىن خانزادى «دېڭىز ئارمىيە كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، رۇسىيە ۋە خىتاي بىلەن پات ئارىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ھەربىي مانېۋىرغا مۇناسىۋەتلىك تەييارلىقلار ھەمدە پىلانلاش ئىشلىرىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ھازىر ئامېرىكانىڭ رايوندا ئىرانغا ھېچقانداق بىۋاستە تەھدىت پەيدا قىلمىغانلىقىنى، بىراق ئۆزىنىڭ نامىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقان كۈچلەرنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق خەۋپسىزلىك مۇھىتىنى ئاشۇرۇش پىيىدە بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ: «ئامېرىكالىقلار خاتالىق ئۆتكۈزسە ئىران ئارمىيەسىدىن كۈچلۈك جاۋاب ئالىدۇ» دېدى.

ئۇ ھازىرغىچە 64 فلوتنى خەلقئارالىق دېڭىز تەۋەلىكىگە ئەۋەتكەنلىكلىرىنى ئەسكەرتىپ، قىزىلدېڭىز ۋە سۈۋەيىش قانىلىدا ئىران پاراخوتلىرىنى قوغداۋاتقانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ئۇ يەنە، «دېماۋەند» ناملىق پاراخوتنىڭ يىل ئاخىرىغىچە فلوتقا قوشۇلىدىغانلىقىنى ۋە بارلىق ھەربىي پاراخوتلارغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا سەپلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر