خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئىران ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلەشكە چاقىرىق قىلدى

ئىراندىكى بېنزىن باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىگە قارشى نامايىشلاردا، ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ 143 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

1312406
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئىران ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلەشكە چاقىرىق قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئار كەچۈرۈم تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، بېنزىن باھاسىنىڭ ئۆستۈرۈلىشى سەۋەبىدىن ئىراننىڭ دۆلەت مىقياسىدا باشلانغان نامايىشلاردا، 143 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى ۋە خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ نامايىشچىلارغا تەڭپۇڭسىز كۈچ ئىشلىتىپ، ئۆلۈم ۋەقەلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان.

باياناتتا، «ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك قورال بىلەن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن، بىر كىشىن ياش ئاققۇزۇش بومبىسىنىڭ تەسىرىدە ئۆلگەن، يەنە بىر كىشى ئېغىر زەربە يەپ، يارىدار بولغانلىقى سەۋەبىدىن ئۆلگەن» دېيىلدى. 

خەلقئار كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئۆلگەنلەر سانىنىڭ تېخىمۇ كۆپ بولۇشى مۇمكىنلىكىگە ئىشنىدىغانلىقىنى شۇنداقلا بۇ جەھەتتىكى تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقاتلارنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا يەنە، جەزملەشتۈرۈلگەن كۆرۈنۈشلەردە، نامايىشچىلارنى قىسقا مۇساپىدىن ۋە بىنالارنىڭ ئۆگزىسىدىن نىشانغا ئېلىۋاتقان بىخەتەرلىك خادىملىرى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغانلىقى قەيت قىلىندى. 

تەييارلانغان دوكلاتتا، ئىران دائىرىلىرىنىڭ نامايىشچىلارنىڭ جەسەتلىرىنى ئائىلىرىگە بەرمىگەنلىكى ۋە جەسەتلەر دوختۇرخانىدىن چىقىرىلىپ، بىخەتەرلىك خادىملىرى تەرىپىدىن نامەلۇم يەرلەرگە ئېلىپ كېتىلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئامېرىكانىڭ ئېمبارگولىرىنىڭمۇ تەسىرىدە ئىقتىسادىي جەھەتتىن قېيىن كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرىۋاتقان ئىران خەلقى 15نويابىردا بېنزىن باھاسىنىڭ 3 ھەسسە ئاشۇرۇلغانلىقى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، نۇرغۇنلىغان شەھەرلەردە نامايىش باشلىغان ئىدى. 

بەزى شەھەرلەردىكى نامايىشلاردا ھۆكۈمەت بىنالىرى، بانكىلار، ماي قاچىلاش پونكىتلىرى ۋە سودا سارايلار زىيانغا ئۇچرىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر