كىم جوڭئۇن جەنۇبىي كورېيە چېگراسىغا يېقىن جايدا ئەسكەرلەرنى توپ ئېتىشقا بۇيرىدى

جەنۇبىي كورېيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى كىم جوڭئۇننىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ ئىككى دۆلەت ھەربىي دائىرىلىرى ئوتتۇرىىسدىكى 19 – سېنتەبىر كېلىشىمىگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ نارازىلىق بىلدۈردى.

1312032
كىم جوڭئۇن جەنۇبىي كورېيە چېگراسىغا يېقىن جايدا ئەسكەرلەرنى توپ ئېتىشقا بۇيرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن جەنۇبىي كورېيە بىلەن غەربىي دېڭىز چېگراسىغا يېقىن جايدىكى ھەربىي قىسىملارنى كۆزدىن كەچۈرۈش جەريانىدا ئەسكەرلەرگە توپ ئېتىش بۇيرۇقى چۈشۈردى.

يونھاپ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كىم جوڭئۇن جەنۇبىي كورېيە بىلەن شىمالىدىكى ئەمەلىي چېگرا لىنىيەسى ھېسابلىنىدىغان كىچىك ئارال چاڭرىندىكى ھەربىي قىىسملارنى كۆزدىن كەچۈرگەن. 

كىم جوڭئۇن قىسىملارنى كۆزدىن كەچۈرۈش جەريانىدا، ھەر دائىم ئۇرۇشقا تەييار ھالەتتە تۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تولۇق قېلىپلاشقان بىر سىستېما قۇرۇپ چىقىش بۇيرۇقى بەرگەندىن سىرت، توپچى قىسىمغا نىشان كۆرسىتىپ توپ ئېتىشنى بۇيرىغان.

توپچى قىسىم كۆرسىتىلگەن نىشانغا توپ ئاتقاندىن كېيىن، كىم جوڭئۇن ئۇلارنىڭ تولۇق مەنىسى بىلەن ئۇرۇش قابىلىيىتىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ۋە رەھبىرىنى مەمنۇن قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 

خەۋەردە، توپ ئېتىلغان نىشان ياكى قايسى تەرەپكە ئېتىلغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىگەن.

جەنۇبىي كورېيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى چوي خىيۇنسو بولسا: «شىمالىي كورېيەنىڭ مەزكۇر توپچى قىسىم بىلەن ئېلىپ بارغان مانېۋىرى ئىككى دۆلەت ھەربىي دائىرىلىرى قوبۇل قىلغان ۋە تولۇق ئىجرا قىلىنىۋاتقان 19سېنتەبىر كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىق بولىدۇ. شىمالىي كورېيەنى ھەربىي يىرىكچىلىكلەرنىڭ ئېشىپ كېتىش ئېھتىمالىدىن ئەندىشە قىلىنىۋاتقان مەزكۇر چېگرا رايوندىكى بارلىق ھەربىي پائالىيەتلىرىنى توختىتىشقا، شۇنداقلا كېلىشىمگە رېئايە قىلىشقا چاقىرىمىز» دەپ چاقىرىق ئېلان قىلدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر