ۋۇلف: بۇ يەردە 4 - 5 مىليون مۇسۇلمان بار؛ ئىسلامىيەت بۇ يەرگىمۇ مەنسۇپ

گېرمانىيەنىڭ 10 – نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتى كرىستىيان ۋۇلف، 4 – 5 مىليون مۇسۇلمان ياشاۋاتقان گېرمانىيەدە ئىسلامىيەتنىڭ بۇ دۆلەتكە تەۋە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1311466
ۋۇلف: بۇ يەردە 4 - 5 مىليون مۇسۇلمان بار؛ ئىسلامىيەت بۇ يەرگىمۇ مەنسۇپ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كرىستىيان ۋۇلف برۈخل تۈرك كۈلتۈر ئوچىقىنىڭ «پەرقلىق بىر جەمئىيەتتە ئىجتىمائىي ماسلىشىش» تېمىلىق يىغىنىدا سۆز قىلدى؛ ئۇ، رەڭدارلىق، خىللىمۇخىللىق ئىچىدە ئىجتىمائىي جەھەتتە بىردەكلىشىشنىڭ كېلەچەكنىڭ ئەڭ مۇھىم تېمىلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، «مېنىڭ ئىچكى كابېنىتىمدا بىر مۇسۇلمان مىنىستىرىمىز بار ئىدى. 2014 – يىلى مەسئۇت ئۆزىل، كېدىرا، بوئېتېڭغا ئوخشاش كۆچمەن پۇتبولچىلار بىلەن دۇنيا چېمپىيونى بولدۇق. مۇزىكا دۇنيامىزغا رەڭ قوشقان ھېلېن فىشېرمۇ رۇسىيەدىن كەلگەن. دېمەكچىمەنكى، كۆپ كۈلتۈرلۈك قورقۇشقا تېگىشلىك بىر ئىش ئەمەس، ئەكسىچە ھەممىمىزگە پايدىلىق ناھايىتى زور بايلىقتۇر» دېدى.

«1950- يىللارنىڭ گېرمانىيەسىنى كۆرۈشنى خالامسىلەر ياكى ھازىرقى رەڭدارلىقنى تېخىمۇ راۋاجلاندۇرۇشنى خالامسىلەر؟» دەپ سورىغان ۋۇلف، «گېرمانىيە، ياۋروپانىڭ ئوتتۇرىسىدا ھەردائىم كۆپ كۈلتۈرلۈك بىر دۆلەت ئىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن ھەمىشە غەلىبە قىلدۇق ۋە گۈللەندۇق. بۇ ئەۋزەللىكتىن قەتئىي يىراقلىشىپ كەتمەسلىكىمىز كېرەك. تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىك ئىچىدە بىرلىكتە ياشاش ئۈچۈن بۇنىڭغا موھتاجمىز» دېدى.

گېرمانىيەدە 8 نەپىرى تۈرك بولۇپ جەمئىي 10 ئادەمنى ئۆلتۈرگەن ناتسىئونال سوتسىيالىست يەر ئاستى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ قۇربانلىرىنىڭ يېقىن – يورۇقلىرى بىلەنمۇ ئالاقىلىشىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋۇلف، «ئىرقچى ناتسىئونال سوتسىيالىست يەر ئاستى قاتىللىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەن بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ ئائىلىلىرى ئىچىدىن ئىزدىلىشى، قاتىللارنى تېپىپ چىقىشى كېرەك بولغانلارنىڭ تارىختىن ئورۇن ئالغان خاتالىقى ۋە ئەيىبى بولدى» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر