ئامېرىكا ي پ گ / پ ك ك غا ياردەم بەرگەنلىكىنى ئىقرار قىلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى جەيمس جېفرېي سۈرىيەنىڭ شەرقىي قىمسىدىكى نېفىت ساھەلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش مەسىلىسىدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى  ي پ گ/پ ك ك بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقانلىقلىرىنى ئىقرار قىلدى.

1311066
ئامېرىكا ي پ گ / پ ك ك غا ياردەم بەرگەنلىكىنى ئىقرار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جېفرېي بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدا چاقىرىلغان «سۈرىيە يىغىنى» ھارپىسىدا، مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە، سۈرىيەدىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى  كۈرەشتە ئامېرىكىنىڭ ئەڭ مۇھىم شېرىكلىرىدىن بىرى بولغان تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ/پ ك ك بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىق ئورنىتىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىزگە نىسبەتەن ئەڭ مۇھىم بولغىنى نېفىتنىڭ دائېش ۋە باشقا ئاكتىيورلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتۇر. ي پ گ / پ ك ك ئۇدا 4 يىلدىن بۇيان نېفىت ساھەلىرىدە داۋاملىق پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. بىزمۇ سۈرىيە ئىستىراتېگىيەمىزنىڭ بىر پارچىسى سۈپىتىدە ئۇلارغا ياردەم بېرىمىز. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، ئىدلىبتىكى ئۆزگىرىشلەر ئادەمنى قاتتىق ئەندىشىگە سالىدۇ. دۆلەت مىقياسىدا ئۇرۇش توختىتىشقا ئېھتىياجىمىز بار. ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئىدلىبنتىن باشلىنىشى لازىم.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر