ستولتېنبېرگ: تۈركىيە ناتو ئۈچۈن مۇھىم بىر دۆلەت

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىپى ستولتېنبېرگ تۈركىيەنىڭ ناتو ئۈچۈن مۇھىم بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1310651
ستولتېنبېرگ: تۈركىيە ناتو ئۈچۈن مۇھىم بىر دۆلەت

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ستولتېنبېرگ فىرانسىيەدە چىقىدىغان «‹ Le Figaro  › گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكروننىڭ «شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ مېڭىسى ئۆلدى» تەرىقىسىدىكى سۆزلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىدە ئەھمىيىتى ناھايىتى زوردۇر. ھەر كۈنى بىر مىلياردقا يېقىن ئىنساننى قوغداش ۋە ئونلارچە يىل مۇداپىئە ئىشلىرىغا ئەڭ زور تۆھپىلەرنى قوشۇش ئارقىلىق بۇنىڭ شۇنداقلىقىنى ئىسپاتلىدى. <تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتى> گە كەلسەك، تۈركىيە ئۆزىنىڭ ھەربىي بازىلىرىنى ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ئىشلىتىشگە رۇخسەت قىلدى، ھەمدە <تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتى> ئارقىلىق  تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى  كۈرەشكە قاتناشتى. تۈركىيە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارىمىقىدا سۈرىيە ۋە ئىراق بىلەن چېگرىداش بىردىنبىر دۆلەت بولۇپ، 3.6 مىليون كۆچمەنگە ساھىبخانىلىق قىلماقتا. قىسقىسى، تۈركىيە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم بىر دۆلەتتۇر. خەرىتىگە قارىسىلا ۋە تۈركىيەنىڭ گېئوئىستىراتېگىيەلىك  ئورنىنى تەتقىق قىلسىلا  بۇ روشەن ھەقىقەتنى چۈشىنىۋالغىلى بولىدۇ. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، ناتو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى بىر - بىرىگە رەقىب ئەمەس، شۇڭا ئىككى تەشكىلاتتىن بىرىنى تاللاشنىڭ قىلچە ئەھمىيىتى يوقتۇر.»

ئۇ يەنە، نورۋېگىيە، ئىسلاندىيە، تۈركىيە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، كانادا ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىكى مەسىلىسىدە مۇھىم رول ئوينايۋاتقانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر