مايك پېنس: ئامېرىكا ئىراندىكى نامايىشلارنى قوللايدۇ
ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى مايك پېنس ئامېرىكانىڭ ئىراندا بېنزىن باھاسىنىڭ ئۆستۈرۈلىشىگە قارشى باشلانغان ۋە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان دۆلەت مىقياسىدىكى كەڭ - كۆلەملىك نامايىشلارنى قوللايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران ھۆكۈمىتى ئامېرىكانىڭ نامايىشلارنى قوللىشىنى، «ئىچكى ئىشىمىزغا ئارىلىشۋالغانلىق» دەپ قاراپ، ئامېرىكاغا نارازىلىق نوتاسى تاپشۇرغاندىن كېيىن، بۇ قېتىم ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى مايك پېنس تىۋىتتېر ھېسابىدا ئۇچۇر ئېلان قىلىپ، ئامېرىكانىڭ ئىراندىكى نامايشىلارنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مايك پېنس تارقاتقان ئۇچۇرىدا، «ئىران خەلقى كوچىلاردا نامايىش قىلماقتا. تېھراندىكى ئايەتۇللاھلار بولسا، زورۋانلىق كۈچىنى ئىشلىتىپ، ئۆز خەلقىنى ئەزمەكتە» دېدى.
بۇ ئارىلىقتا ئامېرىكا مېدىياسى، «USS Abraham Lincoln» ناملىق ئامېرىكا ئاۋىياماتكىسىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن ئارىدىن 6 ئاي ئۆتكەندىن كېيىن تۇنجى قېتىم بەسرا دېڭىز قولتۇقىغا قاراپ يولغا چىققانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىسرائىلىيە غەززەدە ئائىلە قورو بىنالىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، ۋەھشىيانە قىرغىنچىلىقىنى داۋاملاشتۇرماقتا
ئىسرائىلىيە غەززەنىڭ ئوتتۇرا ۋە شىمالىي رايونلىرىدا ئىككى ئائىلە قورۇ بىناسىغا ھۇجۇم قىلدى.