دونالد ترامپ نېفىت باھاسىنى تۆۋەنلەتكەنلىكى ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستانغا رەخمەت ئېيتتى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ نېفىت باھاسىنى تۆۋەنلەتكەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن سەئۇدى ئەربىستانغا ئالاھىدە رەخمەت ئېيتتى.

1310164
دونالد ترامپ نېفىت باھاسىنى تۆۋەنلەتكەنلىكى ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستانغا رەخمەت ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دونالد ترامپ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا ھەمبەھىرلەشكەن باياناتىدا، نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلىتىلىشىنى باجنى تۆۋەنلىتىشكە ئوخشىتىپ، «نېفىت باھاسى تۆۋەنلىمەكتە. بۇ ئامېرىكاغا ۋە پۈتۈن دۇنياغا نىسبەتەن باجنى تۆۋەنلەتكەنلىك بىلەن ئوخشاش ياخشى بىر ئىش. بولۇشىغا پەيزىنى سۈرۈڭلار. غەربىي تېكساس تېپلىق نېفىتنىڭ ۋارىل باھاسى تېخى يېقىندىلا 82 دوللارغىچە چىققان ئىدى. مانا ھازىر 54 دوللار. سەئۇدى ئەرەبىستانغا رەخمەت. قېنى ئەمىسە تېخىمۇ تۆۋەتلىتەيلى!» دېدى. 

دونالد ترامپ تۈنۈگۈنمۇ سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقجىنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئىستانبۇل كونسۇلخانىسىدا ئۆلتۈرۈلگەنلىكىگە قارىماي، سەئۇدى ئەربىستان بىلەن تەۋرەنمەس شېرىكلىك مۇناىسۋەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

دونالد ترامپ سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن تۈزۈلگەن قورال سېتىپ بېرىش كېلىشىمىنى ئەمەلدىن قالدۇرمايدىغانلىقنى تەكىتلەپ، «010 مىلياردلارچە دوللاردىن ۋاز كەچمەيمىز. ئەگەر ۋاز كېچىدىىغان بولساق، نېفىت باھاسى ئۆرلەپ كېتىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر