ي پ گ/پ ك ك نىڭ ھۇجۇمىدا نۇرغۇن پۇقرا ئۆلدى

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ نىڭ سۈرىيەنىڭ تەل ئەبياد ناھىيەسىدىكى جۇرن يېزىسىغا قىلغان ھۇجۇمىدا 3 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1309289
ي پ گ/پ ك ك نىڭ ھۇجۇمىدا نۇرغۇن پۇقرا ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ نىڭ سۈرىيەنىڭ تەل ئەبياد ناھىيەسىنىڭ جۇرن يېزىسىدىكى بىر مەكتەپكە  شراپنېل ئاتىدىغان زەمبىرەكلەر ئارقىلىق قىلغان ھۇجۇمىدا 3 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغان، بالىلار بىلەن بىرلىكتە 8 پۇقرا يارىلانغان.

بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى  ي پ گ/پ ك ك لىق تېررورچىلارنىڭ تەل رىفئەتتىكى «مىنناغ رايونى» دىكى ئۇۋىسىدىن كىلىسنىڭ ئۇدۇلىدىكى سۈرىيە تېرروتېرىيەسىگە جايلاشقان ئەزىز ناھىيەسى مەركىزىنى ئۇدا 8 قېتىم توپقا تۇتۇشى ۋە «كاتيۇشا» ناملىق راكېتامىيوتلار ئارقىلىق ھۇجۇم قىلىشى نەتىجىسىدە  بىر پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغان، 13 پۇقرا يارىلانغانىدى.

تۈركىيە قىسىملىرى بۇنىڭغا تېررورچىلارنىڭ پاناھ جايلىرىنى شراپنېل ئاتىدىغان زەمبىرەكلەر ئارقىلىق قايتۇرما زەربە بېرىش ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر