ئامېرىكادا ئۆيسىز ئۆسمۈر ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى ئاشماقتا

ئامېرىكانىڭ نىيۇ يورك ئىشتاتى مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ئىمنتېرنېت بېتىدە ئېلان قىلىنغان دوكلاتتا، 2018 – 2019 ئوقۇ - ئوقۇتۇش يىلىدا، 114 مىڭ 593 ئۆسمۈر ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆيسىز ئىكەنلىكى ئېنىقلانغانلىقىغا دائىر مەلۇماتلارغا ئورۇن ئاجرىتىلدى.

1309315
ئامېرىكادا ئۆيسىز ئۆسمۈر ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى ئاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دوكلاتتا «ئۆيسىز» دەپ تەرىپلەنگەن بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىدا يېقىنقى 10 يىلدا 40 مىڭ كىشى ئاشقانلىقى تەكىتلىنىش بىلەن بىرگە يەنە، نىيۇ يوركنىڭ بىرونكس رايونىدا بۇ نىسبەتنىڭ %18 تىن يۇقىرى ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

نىيۇ يورك شەھىرى سىرتىدىكى رايونلاردىنمۇ 33 مىڭ 961 ئۆيسىز ئوقۇغۇچى ئېنىقلاپ چىقىلغانلىقى، بۇلارنى قوشاندا نىيۇ يورك ئىشتاتىدا جەمئىي ئۆيسىز ئوقۇغۇچىلار سانىنىڭ 149 مىڭ 554 ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

«ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن ئادۋوكاتلار» ناملىق ئاممىۋىي تەشكىلاتنىڭ باشلىقى كىم سىۋېت ئۆيسىز بالىلار مەسلىسىنىڭ چوڭ بىر جىددى مەسىلە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «بۇلانىڭ %85 ى قاراتەنلىك ۋە ئەسلى لاتىن ئامېرىكالىق ئۆيسىز ئۆسمۈرئوقۇغۇچىلاردۇر. بۇ سان بىروكلىيدىكى ئۈستى يېپىق تەنتەربىيە زالىنىڭ سېغىمچانلىق نىسبىتىدىن 6 ھەسسە يۇقىرى» دېدى.

نىيۇ يەرك مائارىپ ئىدارىسىمۇ مەكتەپلەردە ئۆيسىز ئۆسمۈرلەرنى ئېنىقلاپ چىقىش ۋە مەسىلىلىرىگە ھەل قىلىش چارىسى تېپىپ بېرىش ئۈچۈن 100 نەپەر ئىجتىمائىي خىزمەت خادىمىنى ۋەزىپىگە تەيىنلىگەنلىكىنى بىلدۈرۈلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر