قاتار ئەمىرى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە تەزىيە تېلېگراممىسى يوللىدى

قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھەمەد ئالسانى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ دۆلەت باشلىقى شەيخ خەلىفە بىن زايىد ئەننەھيانغا قېرىندىشىنىڭ ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن تەزىيە تېلېگراممىسى يوللىدى.

1309032
قاتار ئەمىرى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە تەزىيە تېلېگراممىسى يوللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاتارنىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى (QNA) نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھەمەد ئالسانى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ دۆلەت باشلىقى 71 ياشلىق شەيخ خەلىفە بىن زايىد ئەننەھيانغا، قېرىندىشىنىڭ ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن تەزىيە تېلېگراممىسى يوللىغان.

ئەننەھياننىڭ قېرىندىشىنىڭ ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن دۆلەت مىقياسىدا ئۈچ كۈنلۈك ماتەم ئېلان قىلىنغان، ھەمدە دۆلەت بايرىقى يېرىم چۈشۈرۈلگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر