لاۋروۋ: ئامېرىكا خەلقئارانىڭ ئىستىراتېگىيەلىك مۇقىملىقىنى قەستەن بۇزماقتا

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ ئامېرىكانىڭ خەلقئارانىڭ قۇرۇلمىسى ۋە ئىستىراتېگىيەلىك مۇقىملىقىنى قەستەن بۇزىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

1308794
لاۋروۋ: ئامېرىكا خەلقئارانىڭ ئىستىراتېگىيەلىك مۇقىملىقىنى قەستەن بۇزماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ بېلارۇسىيە تاشقى ئىشلار مىسنىستىرى ۋلادىمىر ماكېي بىلەن پايتەخت موسكۋادا ئۇچراشقاندىن كېيىن، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىردى ۋە يىغىندا ئامېرىكا بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي ساھەدىكى پائالىيەتلىرى ئۈستىدە توختالدى.

لاۋروۋ قوراللارنى كونتىرول قىلىش جەھەتتە ئەھۋالنىڭ بارغانچە يامانلاشقانلىقىنى ئىما قىلىپ: «ئامېرىكا خەلقئارانىڭ قۇرۇلمىسىنى ۋە ئىستراتېگىيەلىك مۇقىملىقىنى قەستەن بۇزۇۋاتىدۇ. ئوتتۇرا مۇساپىلىق يادرو قوراللىرى ئەھدىنامىسىنى بۇزۇش ئارقىلىق يىرىكچىلىكلەرنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى ئۆرلىشىگە سەۋەب بولدى» دېدى.

لاۋروۋ رۇسىيەنىڭ چېگرا رايونىلىرىغا يېقىن جايلاردا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي ۋە سىياسىي ئاساسىي قۇرلۇشىنى كۈچەيتىشكە تىرىشىۋاتقانلىقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى  بىلدۈردى.

ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۆز بېچىملىچىلىق بىلەن ئېمبارگولارنى يۈرگۈزگەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن لاۋروۋ: «ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئېمبارگولارنى يۈرگۈزۈش ئارقىلىق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قارارنامىلىرىنى ئاياق- ئاستى قىلماقتا. ئۆز ئالدىغا چىقىرىلغان ئېمبارگولار ئۆزئارا ئىشەنچكە ئېغىر زىيان يەتكۈزمەكتە ۋە يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا توسالغۇ بولماقتا» دېدى.

مىنىستىر سېرگېي لاۋروۋ 4 دۆلەت رەھبەرلىرى يىغىنىنىڭ (گېرمانىيە، فىرانسىيە، رۇسىيە ئۇكرائىنا) 9دېكابىردا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «بۇ رەھبەرلەر يىغىنى ئۈچۈن كېرەكلىك شارائىتلار شەكىللەندى. بولۇپمۇ رەھبەرلەر يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلىدىغان فىرانسىيەنىڭ ئۇكرائىنا مەسلىسىدىكى ئېنىقسىزلىقنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.

لاۋروۋ ئۇكرائىنانىڭ سابىق پىرېزىدېنتى پېترو پوروشېنكونىڭ 4 دۆلەت رەھبەرلىرى يىغىنى فورمۇلاسىغا قارىتا ماقۇللانغان قارارلارنى بۇزۇپ تاشىلغانلىقىنى تەكىتلەپ: «بىراق، ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر زېلېنسىكىي تەرىپىدىن قۇرۇلغان يېڭى ھۆكۈمەت بىلەن ئۇزۇن مەزگىلدىن بۇيان ھەل بولماي كېلىۋاتقان مەسلىلەرنى ھەل قىلالىدۇق» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر