ترامپ كىم جوڭئۇننى ئاگاھلاندۇردى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇنغا خىتاب قىلىپ، يادرو كېلىشىمى ئۈچۈن ئالدىرىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

1308160
ترامپ كىم جوڭئۇننى ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت ترامپ 2020-يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلامنىڭ دېموكراتلاردىن بولغان رەقىبى جو بايدىننى «غالجىر ئىت» قا ئوخشاتقان شىمالىي كورېيە «KCNA» ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىنى ھەمبەھىرلەپ، شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇنغا تۋىتتېردىن خىتاب قىلدى.

ئۇ جو بايدىننىڭ ئوخشىتىلىشى ئۈستىدە توختىلىپ: «ھۆرمەتلىك كىم، بايدىن مۈگدەۋاتقان ۋە ناھايىتى لۆم-لۆم بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ھەرگىزمۇ ئىت ئەمەس. ئۇنىڭدىن تېخىمۇ ياخشى ۋە سېنى بىر شەكىلدە كېلىشنى خالايدىغان نۇقتىغا ئەكىلىدىغان بىردىنبىر كىشى مەن. كېلىشىم تۈزۈشكە ئالدىرىشىڭ كېرەك. پات يېقىندا كۆرۈشىمىز» دېدى.

پىرېزىدېنت ترامپنىڭ مەزكۇر باياناتى ئامېرىكا تاراتقۇلىرىدا غۇلغۇلا قوزغىدى.

 2020-يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ دېموكراتلاردىن بولغان نامزات نامزاتى جو بايدىن بىر يىغىلىشتا، كىم جوڭئۇنغا ھاقارەت قىلغان ۋە پىرېزىدېنت ترامپنىڭ شىمالىي كورېيە سىياسىتىنى تەنقىد قىلغان ئىدى. شىمالىي كورېيە «KCNA» ئاگېنتلىقى بۇنىڭغا جاۋابەن، جو بايدىنغا، «كالتەك بىلەن يەنچىپ تاشلايدىغان غالجىر ئىت» دەپ جاۋاب قايتۇرغان ۋە جو بايدىننى باياناتى بىلەن شىمالىي كورېيەنى ئورۇنسىز ھۇجۇم نىشانى قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

2019-يىلى 5-ئۆكتەبىر شىمالىي كورېيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا شىۋېتسىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىش بىرىنچى كۈنىدىلا توختاپ قالغان ئىدى. پىيوڭياڭ ھۆكۈمىتى ئامېرىكانىڭ دۈشمەنلەرچە مۇئامىلىسىنى ئۆزگەرتىشتە قايىل قىلارلىق قەدەم تاشلىمىغان تەقدىردە، شىمالىي كورېيەنىڭ بۇ زېرىكىشلىك مۇزاكىرەلەرنى داۋاملاشتۇرۇش نىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

شىمالىي كورېيەنىڭ باش مۇزاكىرەچىسى كىم جوڭئۇن مۇزاكىرە مۇساپىسىنىڭ قايتىدىن باشلىنىشىنىڭ ئامېرىكانىڭ پوزىتسىيەسىگە باغلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ۋاشىنگتونغا يىل ئاخىرىغىچە ۋاقىت بەرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر