پىرېزىدېنت بېللېن: «ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلار ئاۋستىرىيەدە قەتئىي يات كۆرۈلمەسلىكى لازىم»

ئاۋستىرىيە پىرېزىدېنتى ئالېكساندېر ۋان دېر بېللېن ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئاۋستىرىيەدە قەتئىي يات كۆرۈلمەسلىكى لازىملىقىنى ئېيتتى.

1308038
پىرېزىدېنت بېللېن: «ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلار ئاۋستىرىيەدە قەتئىي يات كۆرۈلمەسلىكى لازىم»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاۋستىرىيە ئىسلام جامائىتىنىڭ قۇرلۇشىنىڭ 40يىلى پايتەخت ۋىيېننادا داغدۇغۇلۇق تەبرىكلەندى.

ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت بىناسىدا ئۆتكۈزۈلگەن تەبرىكلەش پائالىيىتىگە پىرېزىدېنت ئالېكساندېر ۋان دېر بېللېن، تۈركىيەنىڭ ۋىيېننادا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى ئاسىپ كايا ۋە نۇرغۇن ساندا مېھمانلار تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.

مۇراسىم قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى بىلەن باشلاندى. پىرېزىدېنت بېللېن ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ئاۋستىرىيەدە قەتئىي يات كۆرۈلمەسلىكى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

پىرېزىدېنت بېللېن دۆلەتتە دىنىي ۋە سىياسىي گۇرۇپپىلارغا تەۋە ئورگانلارنىڭ بىرلىكتە ياشاشنى كۈچەيتىدىغان ئامىللار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئاۋستىرىيەدە بۈگۈنكى كۈندە 700 مىڭدىن كۆپرەك مۇسۇلمان بار بولۇپ، ئۇلارغا 1979يىلى قۇرۇلغان ئاۋستىرىيە ئىسلام جامائىتى ۋەكىللىك قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر