خوڭكوڭ ئالىي سوتى: «ماسكا تاقاشنى چەكلەش خوڭكوڭنىڭ ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ»

خوڭكوڭ ئالىي سوت مەھكىمىسى ھۆكۈمەتنىڭ ماسكا تاقاشنى چەكلەش بەلگىلىمىسىگە قارشى ھۆكۈمنامە ئېلان قىلدى.

1308077
خوڭكوڭ ئالىي سوتى: «ماسكا تاقاشنى چەكلەش خوڭكوڭنىڭ ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ئالىي سوت مەھكىمىسى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئىجرا قىلىنىۋاتقان ماسكا تاقاشنى چەكلەشنىڭ، خوڭكوڭنىڭ ئاساسىي قانۇنى ھېسابلىنىدىغان نېگىزلىك قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكى ھەققىدە ھۆكۈمنامە ئېلان قىلدى.

بىرسى سابىق جەمئىي 25 پارلامېنت ئەزاسى ماسكا تاقاشنى چەكلەش بەلگىلىمىسىنى ئالىي سوتقا ئەرز قىلغان بولۇپ، ئالىي سوتنىڭ سودىيەلىرىدىن ئاندېرسون چوپ كامىڭ ۋە گودفرېي لام ۋانخون، بۇ چەكلىمىنىڭ ماھىيەتتە ۋالىيغا ھەر قانداق خەتەرلىك ۋەزىيەتتە خالىغانچە قانۇن چىقىرىش ھوقۇقى بەرگەنلىك بولىدىغانلىقى ۋە بۇنىڭ  نېگىزلىك قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكى ھەققىدە ھۆكۈمنامە ئېلان قىلدى.

سوت مەھكىمىسى يەنە، ساقچىلارغا ئاممىۋى سورۇنلاردا كىشىلەرنىڭ ماسكىلىرىنى ئېلىپ تاشلاش ھوقۇقى بېرىلىشى ۋە ساقچىلارنىڭ بۇ ھوقۇقىنى ئىشلىتىشىگە ھېچقانداق چەكلىمە قويۇلماسلىقىغا قارىتامۇ «تەڭپۇڭسىز كۈچ ئىشلىتىش» دەپ ھۆكۈم چىقاردى.

ماسكا چەكلەش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغان دېگەن ئەيىبلەش بىلەن بۈگۈن 2 كىشىنىڭ سوت قىلىنىشى كۈتۈلمەكتە ئىدى.

خىتاينىڭ خوڭكوڭ ۋالىيسى كەررىي لام مەزكۇر ماسكا تاقاشنى چەكلەش بەلگىلىمىسىنى، ئەنگلىيە دەۋرىدىكى جىددىي ھالەت قانۇنىنى ئاساس قىلغان ھالدا 5ئۆكتەبىردە رەسمىي ئىجرا قىلىشقا باشلىغان، بىراق پارلامېنتتا مۇزاكىرىگە قويمىغان ئىدى.

خوڭكوڭدا 1922يىلى چىقىرىلغان بىر بەلگىلىمە تۇنجى قېتىم سوتقا ئەرز قىلىنغان بولدى.

خوڭكوڭدا ئىيۇن ئېيىدا گۇماندارلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش قانۇن تەكلىپىگە قارشى باشلانغان دېموكراتىيە تەرەپدارلىرىنىڭ نامايىشلىرىدا، يېقىنقى ھەپتىلەردىن بۇيان ساقچىلار بىلەن توقۇنۇش يۈز بېرىدىغان ئەھۋاللار كۆپ كۆرۈلمەكتە.

رەسمىي سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، خوڭكوڭدا ئىيۇن ئېيىدىن بۇيان تەخمىنەن 4000  نامايىشچى نازارەتكە ئېلىنغان.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر