خوڭكوڭ نامايىشچىلىرى تەبىئىي پەن ئۇنىۋېرستېتىدىن ئايرىلىشقا باشلىدى

خوڭكوڭدا يۈزلەرچە نامايىشچى بۈگۈن (18-نويابىر) قولغا ئېلىنىشتىن ئەنسىرەپ تەبىئىي پەن ئۇنىۋېرستېتىدىن ئايرىلىشقا باشلىدى، بىراق ساقچىلارنىڭ ياش ئاققۇزۇش بومبىسىغا دۇچ كېلىشى بىلەن كەينىگە قايتتى.

1308464
خوڭكوڭ نامايىشچىلىرى تەبىئىي پەن ئۇنىۋېرستېتىدىن ئايرىلىشقا باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خوڭكوڭ ساقچىلىرى ئۇنىۋېرستېتتىن چىققان نامايىشچىلارنى ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ۋە كالتەكلەر بىلەن تارقىتىپ، ئۇلارنى تۇتتى. ئۇنىۋېرستېت سىرتىدىكى نامايىشچىلار بولسا، ساقچىلارنى توسۇش مەقسىتىدە رايوندىكى نەسەن (Nathan) يولىنىڭ قاتنىشىنى توختاتتى ۋە ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئاتقان ساقچىلارغا يول بويىدىكى تاشلارنى ئاتتى.

خوڭكوڭ ساقچى دائىرىلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، يارىلانغانلىقى ئۈچۈن قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلىدا ئېلىپ مېڭىلىۋاتقاندا، نامايىشچىلار تەرىپىدىن تارتىۋېلىنغان 20 ياشلىق ئايال ھەققىدە ئىزدەش قارارى چىققانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، مەزكۇر ئايالنىڭ قانۇنسىز بىر يىغىنغا قاتناشقانلىقى ئۈچۈن نەسەن يولىدا تۇتۇلغانلىقى، ئايالغا ياردەم قىلغانلارنىڭ «جىنايەتچىگە ياردەم قىلىش» بىلەن ئەيىبلىنىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا، نامايىشچىلار قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلىنى توختاتقاندا، ساقچىلارنىڭ ئاسمانغا ئوق ئېتىپ ئاگاھلاندۇرغانلىقى ۋە ۋەقەدە يارىلانغانلارنىڭ يوقلۇقى قەيت قىلىندى.

تۈنۈگۈن (17-نويابىر) تەبىئىي پەن ئۇنىۋېرستېتىدا بىر ساقچى نامايىشچىلارنىڭ ئاتقان ئوقيا ئوقىدا يارىلانغان ئىدى.

خوڭكوڭ ساقچى دائىرىلىرى ئۇنىۋېرستېتتىكى ۋەقەلەرنى «ئىسيان» دېگەن ئىدى.

خوڭكوڭدا 2019-يىلى ئىيۇن ئېيىدا جىنايەتچىلەرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش قانۇن تەكلىپ لايىھەسى قارشى باشلانغان دېموكراتىيە نامايىشلىرىدا، يېقىنقى ھەپتىلەردە نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا توقۇنۇش ۋە زوراۋانلىق ۋەقەلىرى كۆپەيدى. رەسمىي مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، خوڭكوڭدا ئىيۇن ئېيىدىن ھازىرغىچە تەخمىنەن 4 مىڭ نامايىشچى تۇتۇلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر