نېگىرىيەدىكى سۇ ئاپىتى 40 مىڭ كىشىنى ئۆي - ماكانىدىن ئايرىپ قويدى

نېگىرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدا ھەددىدىن ئارتۇق يامغۇر سەۋەبىدىن سۇ ئاپىتى يۈز بېرىپ، 40 مىڭ كىشى ئۆي - ماكانلىرىنى تاشلاپ چېقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى.

1307716
نېگىرىيەدىكى سۇ ئاپىتى 40 مىڭ كىشىنى ئۆي - ماكانىدىن ئايرىپ قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ھەمكارلىق ئىشخانىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارام زىچ پائالىيەت قىلىۋاتقان بورنو ئۆلكىسىدە، سۇ ئاپىتىنىڭ ئېغىر زىيانلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى ۋە 40 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ يۇرت - ماكانلىرىنى تاشلاپ چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بوكو ھارامنىڭ ھۇجۇملىرىدىن قاچقانلار پاناھلىنىۋاتقان لاگېرلارنىڭمۇ سۇ ئاپىتىنىڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بۇلار ئۈچۈن 9 ئايرىم لاگېر قۇرغانلىقى قەيت قىلىندى.

رايون خەلقىنىڭ پاكىز سۇ، يېمەك - ئىچمەك، تۇرالغۇ ۋە سەھىيە خىزمەتلىرىگە جىددىي ئېھتىياجى بارلىقى تەكىتلەندى.

بورنو ئۆلكىسىدە مۇشۇ بىر قانچە ھەپىتىدىن بۇيان قاتتىق يامغۇر يېغىپ، يۈز بەرگەن سۇ ئاپەتلىرىدە مىڭىلغان ئۆي سۇ ئاستىدا قالدى. 4 مىڭ گېكتار تېرۇلغۇ يەر نابۇت بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر