مالىدا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

مالىنىڭ مەركىزىي رايونى موپتىدا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا 20 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1307551
مالىدا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھۆكۈمەت باياناتچىسى يايې سانگارېنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 13 – نويابىر كۈنى قوراللىق كىشىلەرنىڭ بۇركىنا فاسو چېگراسىدىكى پېھ يېزىسىغا قىلغان ھۇجۇمىدا 20 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان. قوراللىقلار يېزىدىكى ئەشلىق ئامبارلىرىغىمۇ ئوت قويۇپ بەرگەن. ھۇجۇمدىن كېيىن دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى رايوندا زوراۋانلارنى تۇتۇش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر