ئىراندا 3500 دىن ئارتۇق مەھبۇس كەچۈرۈم قىلىنىدىغان بولدى

ئىران دىنىي رەھبىرى ئايەتۇللاھ ئەلى ھامانېي 3500 دىن ئارتۇق مەھبۇسنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ۋە جازالىرىنىڭ يېنىكلىتىلىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەكلىپنى تەستىقلىدى.

1306599
ئىراندا 3500 دىن ئارتۇق مەھبۇس كەچۈرۈم قىلىنىدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئايەتۇللاھ ئەلى ھامانېينىڭ ئىشخانىسىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، سوت باشلىقى ئىبراھىم رەئىسى تەرىپىدىن سۇنۇلغان خەلق سوتى ۋە ھەربىي سوتتا جازاغا ھۆكۈم قىلىنغان 3552 مەھبۇسنىڭ جازاسىنىڭ يېنىكلىتىلىشى ۋە ئەپۇ قىلىنىشىغا ئالاقىدار تەكلىپنىڭ قوبۇل قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، جىنايەتچىلەرنى ئەپۇ قىلىشنىڭ ھەزەرەتى مۇەھممەد ئەلەيھىسسالام ۋە 6ئىمام جافەر سىددىقنىڭ تۇغۇلغان كۈنلىرىنىڭ خاتىرىسى ئۈچۈن ئەمەلگە ئاشۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىران سوت ئىشلىرى باشلىقى ئىبراھىم رەئىسى دىنىي رەھبەر ئايەتۇللاھ ئەلى ھامانېيغا يازغان مەكتۇبىدا، كېرەكلىك شەرتلەرگە توشىدىغان 3552 مەھبۇسنىڭ جازالىرىنىڭ يېنىكلىتىلىشى ۋە ئەپۇ قىلىنىشى ھەققىدە مەخسۇس تەكلىپ سۇنغان ئىدى. 


خەتكۈچ: #مەھبۇس , #ئىران

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر