پولشادا مۇسۇلمانلارغا قىلىنماقچى بولغان چوڭ ھۇجۇم توسۇپ قىلىندى

پولشانىڭ پايتەختى ۋارشوۋادا مۇسۇلمانلارغا خۇددى يېڭى زېلاندىيەدىكىگە ئوخشاش چوڭ ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىغان 2 كىشى نازارەتكە ئېلىندى.

1306209
پولشادا مۇسۇلمانلارغا قىلىنماقچى بولغان چوڭ ھۇجۇم توسۇپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پولشا رادىيوسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، پولشا ئىچكى بىخەتەرلىكنى قوغداش ئىدارىسى «ABW» نىڭ باياناتچىسى سىتانىسلاۋ زارىيىن مۇسۇلمانلارغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان ئىككى نەپەر رادىكال ئوڭچى پولشا پۇقراسىنى يەكشەنبە كۈنى نازارەتكە ئېلىش قارارى ماقۇللىغانلىقىنى ئېتقان.

سىتانىسلاۋ زارىيىن ئامانلىقنى ساقلاش ئەترىتىنىڭ ۋارشوۋادىكى بىر ئۆيدە ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشلىرى نەتىجىسىدە، قورال ۋە ئوق دورىلاردىن باشقا يەنە، كۆپ مىقداردا پارتلاتقۇچ ماددىلارنىڭمۇ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

سىتانىسلاۋ زارىيىن پولشا ئىچكى بىخەتەرلىكنى قوغداش ئىدارىسى «ABW» نىڭ گۇماندارلارنى تەقىب قىلغانلىقىنى، مەزكۇر ئىككى گۇماندارنىڭ 2011يىلىدا 77 كىشىنى ئۆلتۈرگەن تېررورچى ئاندېرس بېھرىڭگ بىرېۋىك بىلەن مارت ئېيىدا يېڭى زېلاندىيەنىڭ چىرىستچورچ شەھىرىدىكى ئىككى جامەدە 51 مۇسۇلماننى ئۆلتۈرگەن تېررورچى بىرېنتون تارراتنىڭ تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنى ئۈلگە ئېلىپ، ئوخشاش شەكىلدە ۋەقە تۇغدۇرماقچى بولغانلىقىنى قەيت قىلغان.

نازارەتكە ئېلىنغان 2 نەپەر پولشا پۇقراسى قانۇنسىز قورال ۋە پارتلاتقۇچ ماددا ساقلاش، پارتلاتقۇچ ماددا ئىشلەپچىقىرىش، ئىرقىي ۋە دىنىي گۇرۇپپىلارغا ھۇجۇم قىلىشقا چاقىرىق قىلىش جىنايەتلىرى بىلەن ئەيىبلىنىپ سوتقا تارتىلىدىغان بولدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر