ئەردوغان – ترامپ ئۇچرىشىشى باشلاندى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئۇچرىشىشى باشلاندى.

ئەردوغان – ترامپ ئۇچرىشىشى باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئاقسارايغا كېلىشىدە پىرېزىدېنت ترامپ تەرىپىدىن رەسمىي مۇراسىم ئارقىلىق قارشى ئېلىندى.

ئۇچرىشىش ھارپىسىدا ئىككى رەھبەر ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا قىسقىچە بايانات ئېلان قىلدى.

ئەردوغان  تەپسىلىي باياناتنى ئايرىم ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلىدىغان قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا بېرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن چەكلەندى.

ترامپ جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن بولغان دوستانە مۇناسىۋىتىنىڭ ناھايىتى ئۇزۇنغا سوزۇلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە – سۈرىيە چېگراسىدىكى خىزمىتى ئۈچۈن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا رەھمەت ئېيتىمەن. تۈركىيە يېقىنقى مەزگىلدە سۈرىيەدە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئەزاسى 100 دىن ئارتۇق تېررورچىنى قولغا چۈشۈردى. تۈركىيە – ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى سودا ھەجمىنى تەرەققىي قىلدۇرىمىز. ئۇچرىشىشىمىزدا، تۈركىيە رۇسىيەدىن سېتىۋالغان <400 – س> باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسى ۋە < F-35> تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى مەسىلىسى تولىمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بارىمىز.»

ئىككى رەھبەر بىر سائەتتىن ئارتۇق داۋاملاشقان ئايرىم ئۇچرىشىشتىن كېيىن، ھەيئەتلەر ئارا يىغىنلارغا رىياسەتچىلىك قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر