گېرمانىيەدە جاسۇسلۇق مەكتىپى ئېچىلدى

گېرمانىيەدە يېڭى ئېچىلغان بۇ جاسۇسلۇق مەكتىپى، تولۇق ئوتتۇرا ۋە ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرىنى قوبۇل قىلىدۇ.

گېرمانىيەدە جاسۇسلۇق مەكتىپى ئېچىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: (1947يىلىدىن 1991يىلىغىچە داۋاملاشقان) سوغۇق ئۇرۇش دەۋرىدە «جاسۇسلار شەھىرى» دەپمۇ تونۇلغان گېرمانىيەنىڭ پايتەختى بېرلىندە، كەلگۈسى يېڭى ئەۋلاد جاسۇسلارنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن يېڭى بىر مەكتەپ ئېچىلدى.

گېرمانىيە ئىستىخبارات ئىدارىسى پايتەختتىكى بۇ مەكتەپ ئارقىلىق ئىچكى ۋە تاشقى ئىستىخبارات ئەترەتلىرىنىڭ چىقىملىرىنى تۆۋەنلىتىشنى نىشان قىلماقتا. 

ئىستىخبارات خىزمەتلىرى مائارىپ مەركىزى «ZNAF» دەپ ئاتلغان بۇ مەكتەپنىڭ تەخمىنەن 700 ئوقۇغۇچىغا مەخپىي كۆزىتىش، قانۇن، سوراق قىلىش تېخنىكىلىرى، تور ھۇجۇملىرىغا قارشى كۈرەش، ئۇچۇر -ئالاقە بىلىملىرى تېخنىكىسى قاتارلىق ساھەلەر بويىچە دەرس بېرىدۇ. 

گېرمانىيە فېدېراتىسىيەسى ئىستىخبارات تەشكىلاتى «BND» بىلەن دۆلەتنىڭ ئىچكى بىخەتەرلىكىگە مەسئۇل فېدېراتسىيە دۆلەت ئاساسى قانۇنىنى قوغداش تەشكىلاتى «BfV» ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچۈيتىش ۋە ئۇچۇر ئالاقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشمۇ بۇ يېڭى ئېچىلغان جاسۇسلۇق مەكتىپىنىڭ نىشانلىرى قاتارىدا ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى. چۈنكى ئۆتمۈشتە بۇ ئىككى ئورگاننىڭ بەزى ئارخىپلارنى ئۆزئارا ھەمبەھىرلەشمىگەنلىكى ئاشكارىلانغان ئىدى.

بۇ مەكتەپ تۇلۇق ئوتتۇرا ۋە ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرىنى قوبۇل قىلىدىغان بولۇپ، ئورنىنىڭ تاشقى ئىستىخبارات تەكشىلاتى «BND» نىڭ مۇشۇ يىل ئېچىلغان يېڭى مەركىزى بىناسىدا ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر