شىشىگە سېلىپ دېڭىزغا قويۇپ بېرىلگەن مەكتۇپ 9 يىلدىن كېيىن جاۋابقا ئېرىشتى

ئامېرىكادا 10 ياشلىق بىر ئۆسمەر شىشىنىڭ ئىچىگە سالغان مەكتۇپىنى دېڭىزغا قويۇپ بەرگەن بولۇپ، ئارىدىن 9 يىل ئۆتكەندىن كېيىن مەكتۇبقا فىرانسىيەدىن جاۋاب كەلدى.

شىشىگە سېلىپ دېڭىزغا قويۇپ بېرىلگەن مەكتۇپ 9 يىلدىن كېيىن جاۋابقا ئېرىشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب ب س تۈركچە تورىنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، ھازىر 19 ياشقا كېرىپ قالغان ماكس ۋىرېندېنبۇرگ ئىسىملىق بىر ياش 2010يىلى 10 ياش چېغىدا ئىچىگە مەكتۇپ سېلىنغان شىشىنى ئامېرىكانىڭ بوستون شەھىرىدىن دېڭىزغا قويۇپ بەرگەن.

9 يىلدا ئاتلانتىك ئوكياندىن ئۆتۈپ، فىرانسىيە ساھىللىرىغىچە يېتىپ كەلگەن مەكتۇپتا ماكس ۋىرېندېنبۇرگ ئۆزىنى تونۇشتۇرغان. ياخشى كۆرگەن نەرسىلىرىنى رەتلىك يېزىپ، ئالما يېيىشنى، دېڭىز ساھىللىرىنى ۋە ئالەم بوشلۇقىنى ئەڭ قىزىقىدىغانلىرى قاتارىدا تىلغا ئالغان.

ماكس ۋىرېندېنبۇرگ مەكتۇپىنى، «ئۆتۈنۈپ قالاي، چوقۇم جاۋاپ يېزىڭ!» دەپ ئاخىرلاشتۇرغان بولۇپ، 2010يىلى ئاۋغۇست ئېيىدا يېزىلغان بۇ مەكتۇپ گ. دۇبوس ئىسملىك بىر كىشىگە 2019يىلى ئۆكتەبىر ئېيىدا ئۇچرىغان ۋە ئۇ كىشى ماكس ۋىرېندېنبۇرگنىڭ تەلىپىگە بىنائەن مەكتۇبقا جاۋاب يازغان.

گ. دۇبوس شىشىنى 10ئۆكتەبىردە ئۇچراتقانلىقىنى ۋە ئۇنىڭغا جاۋابەن يازغان مەكتۇبىغا شىشە تېپىلغان جاينىڭ خەرىتىسىنى ۋە زادى قەيەردە ئۇچرىغانلىقى ھەققىدىكى مەلۇماتلارنىمۇ قوشۇپ يوللىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 

19 ياشلىق ماكس ۋىرېندېنبۇرگمۇ ئۆزىگە قايتۇرۇپ يوللانغان ئەسلى مەكتۇبىنى تىۋىتتېر ھېسابىدا ھەمبەھىرلەشكەن.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر