سەئۇدى ئەرەبىستاندا تىياتىر جەريانىدا بىر كىشى 3 ئارتىسنى يارىدار قىلدى

سەئۇدى ئەرەبىستاندا پادىشاھ ئابدۇللاھ باغچىسى تىياتىرخانىسىدا سەھنىلەشتۈرۈلگەن بىر تىياتىر جەريانىدا، پىچاق بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 1 ئايالنى قوشقاندا جەمئىي 3 سەنئەتچى يارىدار بولدى.

سەئۇدى ئەرەبىستاندا تىياتىر جەريانىدا بىر كىشى 3 ئارتىسنى يارىدار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستاندا چىقىدىغان ئۇكاز گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، رىياد ساقچىلىرى بايانات ئېلان قىلىپ، تىياتىر سەھنىسىدە 3 ئارتىسقا پىچاق بىلەن ھۇجۇم قىلغان بىر ئەرەبنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

ئىنتېرنېت بەتلىرىدە تارقىتىلغان كۆرۈنۈشلەردە، تىياتىر سەھنىسىدە ئارتىسلارغا بىر كىشىنىڭ بىچاق بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقى كۆرۈنىدۇ.

بۇ ۋەقەنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى كۆڭۈل ئېچىش ھەيئىتىگە قارشى نارازىلىقلار يۇقىرى پەللىگە چىققان بىر پەيتتە يۈز بەرگەنلىكى قەيت قىلىندى.

كۆڭۈل ئېچىش ھەيئىتىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندا ھەر خىل كۆڭۈل ئىچىش پائالىيەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشى، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ قىممەت قاراشلىرىغا، ئۆرپ ئادەت ۋە ئەنئەنىلىرىگە زىت بولغانلىقى سەۋەبىدىن ئېغىر تەنقىدلەرگە دۇچ كەلمەكتە ئىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستاندا يېقىنقى مەزگىلدىن بۇيان ئېلان قىلىنغان باياناتلار ئارقىلىق ئاياللارغا ئاپتوموبىل ھەيدەش، باشپاناھ رۇخسىتىسىزمۇ ئۆز ئالدىغا شىركەت قۇرۇش، ئەدلىيە مىنىستىرلىقىدا ئىشلەش، تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىنى كۆرۈش ئۈچۈن تەنتەربىيە زاللىرىغا ئەركىن كىرىش قاتارلىق ھەق ھوقۇقلار بېرىلگەن ئىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ 2030يىللىق نىشانى، ئاياللارنىڭ سودا سانائەت ساھەسىگە قاتنىشىش نىسبىتىنى %22 دىن %30 گە چىقىرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر