خىتايدا بالىلار يەسلىسىدە خىمىيەلىك ھۇجۇم يۈز بەردى

خىتاينىڭ يۈننەن ئۆلكىسىدە بىر زوراۋاننىڭ بالىلار يەسلىسىگە خىميەلىك ھۇجۇم قىلىشى نەتىجىسىدە 54 كىشى يارىلاندى.

خىتايدا بالىلار يەسلىسىدە خىمىيەلىك ھۇجۇم يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتايدا چىقىدىغان «‹ South China Morning Post› گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كەييۈەن شەھىرىدە بىر زوراۋان بالىلار يەسلىسىنىڭ تېمىغا يامىشىپ چىقىپ، بالىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلارغا ناترىي گىدروكسىد بىلەن ھۇجۇم قىلغان، ھۇجۇمدا يارىلانغان 51 بالا بىلەن 3 ئوقۇتقۇچى دوختۇرخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، ۋەقەدىن كېيىن 23 ياشلىق زوراۋان قولغا چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، ۋەقە تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر