فىلىپپىندە كوممۇنىست ئىسيانچىلار بىلەن ئەسكەرلەر ئوتتۇرىسىدا قوراللىق توقۇنۇش يۈز بەردى

فىلىپپىندە ئەسكەرلەر بىلەن كوممۇنىست ئىسيانچىلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا، 6 ئەسكەر ئۆلۈپ، 20 ئەسكەر يارىدار بولدى.

1305061
فىلىپپىندە كوممۇنىست ئىسيانچىلار بىلەن ئەسكەرلەر ئوتتۇرىسىدا قوراللىق توقۇنۇش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بورونگان شەھىرىنىڭ شەرقىي سامار رايونىدا يېڭى خەلق ئارمىيەسى تەشكىلاتىنىڭ كوممۇنىست ئىسيانچى ئەزالىرى بىلەن فىلىپپىن ئەسكەرلىرى ئوتتۇرىسىدا قوراللىق توقۇنۇش يۈز بەردى.

فىلىپپىن ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، تۇقۇنۇشتىن ئىلگىرى كوممۇنىست ئىسيانچىلار تەرىپىدىن ئەسكەرلەرگە قارشى ئورۇنلاشتۇرۇلغان 6 قول بومبىسىنىڭ تەڭ بىرلا ۋاقىتتا پارتلىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئاندىن تەخمىنەن يېرىم سائەت داۋاملاشقان توقۇنۇشتا، 6 ئەسكەر ئۆلۈپ، 20 ئەسكەرنىڭ يارىدار بولغانلىقى، ئارمىيەنىڭ بولسا 1 نەپەر كومۇنىست ئىسيانچىنىڭ جەسىتىنى قولغا چۈشۈرگەنلىكى يارىدار بولغان ئىسيانچىلارنىڭ سانى تېخى ئېنىقلانمىغانلىقى قەيت قىلىندى.

فىلىپپىن كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ قوراللىق قانىتى ھېسابلىنىدىغان يېڭى خەلق ئارمىيەسى تەشكىلاتى 1969يىلىدىن بۇيان ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق ھەرىكەتلەرنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.

فىلىپپىندە رودرىگو دۇتېرتە 2016يىلى پىرېزىدېنتلىققا سايلانغاندىن كېيىن، ئىككى تەرەپ تىنچلىق مۇزاكىرىلىرىنى باشلىغان ئىدى.

2017يىلى نويابىردا ئۆتكۈزۈلگەن مۇزاكىرىلەر، فىلىپپىن كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ قوراللىق قانىتى ھېسابلىنىدىغان يېڭى خەلق ئارمىيەسى تەشكىلاتىنىڭ زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى تۇغدۇرۇشى سەۋەبىدىن توڭلىتىپ قويۇلغان ئىدى.

 

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر