ب د ت ئىدلىبقا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى ئەۋەتتى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سۈرىيەنىڭ ئىدلىب شەھىرىگە 42 يۈك ئاپتوموبىللىق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى ئەۋەتتى.
1305049
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى قاچىلانغان 42 يۈك ئاپتوموبىلى خاتاينىڭ رەيھانلى ناھىيەسىدىكى جىلۋەگۆزۈ چېگرا ئېغىزىدىن ئۆتۈپ، ئىدلىبقا قاراپ يولغا چىقتى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى ئىدلىب ۋەئىدلىبنىڭ ھەرقايسى يېزا – قىشلاقلىرىدىكى ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە تارقىتىپ بېرىلىدىكەن.