ئەنگلىيە يۈك ئاپتوموبىلىدا جەسىتى تېپىلغان 39 ۋېيتناملىقنىڭ كىملىكىنى ئاشكارىلىدى

ئەنگلىيە ساقچىلىرى 23 – ئۆكتەبىر كۈنى بىر يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ ئارقا تەرىپىدىن جەسىتى تېپىلغان 39 ۋېيتناملىقنىڭ كىملىكىنى ئاشكارىلىدى.

1303154
ئەنگلىيە يۈك ئاپتوموبىلىدا جەسىتى تېپىلغان 39 ۋېيتناملىقنىڭ كىملىكىنى ئاشكارىلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇ ۋەقەنى تەكشۈرگەن ئېسېكس رايونلۇق ساقچى تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋېيتناملىقلاردىن ئەڭ كىچىك ئىككىسى 15 ياشلىق، ئەڭ چوڭى 44 ياشلىق ئىكەن. 10 ى 20 ياشتىن تۆۋەن بولغان ۋېيتناملىقلار ئارىسىدا «نەپەسلىنىشتە قىينىلىپ ئۆلەي دەپلا قالغانلىقى» توغرۇلۇق ئائىلىسىگە ئۇچۇر يوللىغان پھام تى ترا ئىسىملىك 26 ياشلىق بىر ئايالمۇ بار ئىكەن. ساقچى تەرەپ ئىلگىرى ئۇلارنىڭ كىملىكىنى ئېنىقلاپ چىقىپ، ئائىلىلىرىگە بىلدۈرگەن، ھەمدە ماتەم تۇتۇشى ئۈچۈن مەلۇم مۇددەت كۈتكەندىن كېيىن كىملىكىنى ئاشكارىلىغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر