ئەل قائىدە كاتتىباشلىرىنىڭ باھاسى ئۆرلىدى

تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەل قائىدەنىڭ كاتتىباشلىرىدىن سائاد بىن ئاتىف ئالئاۋلاقى بىلەن ئىبراھىم ئەھمەد مەھمۇت ئەلقۇسى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ «ئادالەت ئۈچۈن مۇكاپات» پىروگراممىسىغا كىرگۈزۈلدى.

1302615
ئەل قائىدە كاتتىباشلىرىنىڭ باھاسى ئۆرلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئەل قائىدەنىڭ كاتتىباشلىرىدىن سائاد بىن ئاتىف ئالئاۋلاقى بىلەن ئىبراھىم ئەھمەد مەھمۇت ئەلقۇسىنىڭ تۇرۇۋاتقان جايلىرىنىڭ بايقىلىشى ئۈچۈن تەكلىپ قىلىنغان مۇكاپات توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، ئاۋلاقىنىڭ يەمەندىكى نامدىكى شەبۋە مەسئۇلى ئىكەنلىكى ۋە ئامېرىكاغا ئوچۇق-ئاشكارا ھۇجۇم قىلىشنى چاقىرىق قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى. قۇسىنىڭ بولسا، ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى ئەل قائىدەنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئۈچ ئەزاسىنىڭ بىرى ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، بۇ كىشىلەر توغرىسىدا يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرنىڭ مەسئۇل كىشىلەربىلەن ئېلىخەت ئارقىلىق ياكى تېلېفوندا ئالاقىلىشىشى تەلەپ قىلىندى. ئاۋلاقى توغرىسىدا يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرگە 6 مىليون دوللار، قۇسى توغرىسىدا يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرگە 4 مىليون دوللار مۇكاپات بېرىلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر