پادىشاھ سەلمان CIA نىڭ باشلىقى بىلەن كۆرۈشتى

سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلمان بىن ئابدۇلئەزىز ئامېرىكا ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات تەشكىلاتى (CIA) نىڭ باشلىقى گىنا ھاسپېلنى پايتەخت رىيادتا قوبۇل قىلدى.

پادىشاھ سەلمان CIA نىڭ باشلىقى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى (SPA) نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پادىشاھ ئابدۇلئەزىز بىلەن ھاسپېلنىڭ ئۇچرىشىشىدا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى – سەئۇدى ئەرەبىستان مۇناسىۋەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئورتاق ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان مۇھىم مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلغان.

ئۇچرىشىشقا، سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار  ۋەزىرى فىيسەل بىن فەرھان بىن ئابدۇلئەزىز، ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى شاھزادە ئابدۇلئەزىز بىن سۇئۇد بىن نايىف، دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنىنىڭ باشلىقى خالىد ئەلھۇمەيدان ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ رىياد باش ئەلچىسى جون ئابىزائىد  قاتارلىقلارمۇ قاتناشقان.

بۇ ئۇچرىشىشنىڭ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا Twitter نىڭ سابىق ئىككى خىزمەتچى – خادىمى ئۈستىدىن «سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتىگە ھەق ئېلىپ مۇھىم مەخپىيەتلىكلەرنى ئاشكارىلاش» بىلەن ئەيىبلىنىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىشىدىن كېيىن ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى دىققەت قوزغىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر