خىتاي يادرو قورالسىزلىنىش مۇزاكىرەلىرىگە قاتناشمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ قورال تەكشۈرۈش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى فۇ سوڭ دۆلىتىنىڭ يادرو قورال مىقدارىنى ئازايتىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى، بىراق ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى يادرو قورالسىزلىنىش مۇزاكىرەلىرىگە قاتنىشىشنى ئويلاشمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي يادرو قورالسىزلىنىش مۇزاكىرەلىرىگە قاتناشمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ قورال تەكشۈرۈش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى فۇ سوڭ موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن يادرو قوراللىرىنىڭ كېڭىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونفېرانسىغا قاتناشقاندا، رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى يادرو قورالسىزلىنىش مۇزاكىرەلىرى ئۈستىدە توختالدى.

ئۇ رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا ئىگە بولغان يادرو قوراللىرىنى ئازايتىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «چۈنكى بۇ قوراللارنىڭ مىقدارى ئىنتايىن كۆپ. يادرو قوراللىرىغا ئىگە باشقا دۆلەتلەرنىڭ يىغىندىسىدىنمۇ كۆپ. بۇ سەۋەبتىن ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭ قوراللىرىنى ئازايتىش توغرىسىدىكى ئۇچرىشىشلارنى داۋاملاشتۇرۇشنى چاقىرىق قىلىمىز» دېدى.

ئۇ خىتاينىڭ زىممىسىگە چۈشكەن ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە مۇنداق دېدى:

«خىتايمۇ يادرو قورالىنى ئازايتىشقا تەييار. ئەگەر باشقا دۆلەتلەر يادرو قوراللىرىنى خىتاي ئىگە بولغان مىقدارغا چۈشۈرسە، بىزمۇ بۇ مۇساپىغا قېتىلىشقا تەييار. بىراق، خىتاي ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى يادرو قورالسىزلىنىش مۇزاكىرەلىرىگە قاتنىشىشنى ئويلاشمايدۇ.»

ئۇ ئامېرىكانىڭ، رۇسىيە بىلەن داۋاملاشتۇرۇۋاتقان يادرو قورالسىزلىنىش مۇزاكىرەلىرىگە خىتاينىمۇ قاتنىشىشقا زورلىشىنى توغرا تاپمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بۇنداق قىلىش ئاساسىي مەقسەتتىن يىراقلاشتۇرىدۇ. ئامېرىكا پەقەت خەلقئارالىق مۇھىم كېلىشىمدىن چېكىنىپ چىقىش ئۈچۈن باھانە ئىزدەۋاتىدۇ» دېدى.

ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە 2010-يىلى ئىمزالىغان ئىستراتېگىيەلىك ھۇجۇم قوراللىرىنى ئازايتىش كېلىشىمى (START-3)، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا يادرو قوراللىرىغا چەكلىمە قويۇشقا مۇناسىۋەتلىك داۋاملىشىۋاتقان بىردىنبىر كېلىشىم خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئىككى دۆلەت يېقىندا، ئوتتۇرا مۇساپىلىق يادرو قوراللىرى كېلىشىمىدىن چېكىنگەنلىكلىرىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر