ئىيوردانىيەدە چەت ئەللىك ساياھەتچىلەر پىچاقلىق ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

ئىيوردانىيەنىڭ جەراش شەھىرىدە بىر گۇرۇپپا چەت ئەللىك ساياھەتچى پىچاقلىق ھۇجۇمغا ئۇچرىدى.

1301389
ئىيوردانىيەدە چەت ئەللىك ساياھەتچىلەر پىچاقلىق ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىيوردانىيە دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پايتەخت ئامماننىڭ شىمالىغا جايلاشقان جەرش شەھىرىدە نامەلۇم بىر كىشى چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرگە پىچاق بىلەن ھۇجۇم قىلغان. ھۇجۇمدا بىر قىسىم ساياھەتچىلەر بىلەن ساياھەت يېتەكچىسى ۋە ئامانلىقنى ساقلاش خادىمى يارىلانغان. يارىلانغانلار دوختۇرخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، ۋەقەدىن كېيىن زوراۋان قولغا چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى تەكشۈرۈلمەكتە ئىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، باياناتتا يارىدارلارنىڭ سانى ۋە كىملىكلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر