ستولتېنبېرگ: ئۇكرائىنا ناتوغا ئەزا بولالىشى مۇمكىن

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىپى ستولتېنبېرگ ئۇكرائىنانىڭ ناتوغا ئەزا بولالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1301399
ستولتېنبېرگ: ئۇكرائىنا ناتوغا ئەزا بولالىشى مۇمكىن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ستولتېنبېرگ ئۇكرائىنانىڭ «‹1+1› تېلېۋىزىيە قانىلى» غا بەرگەن باياناتىدا، قاراداغنىڭ بۇنىڭدىن ئىككى يىل بۇرۇن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «شىمالىي ماكېدونىيە بىرقانچە ئاي ئىچىدە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولىدۇ. پولشا ۋە بالتىق دۆلەتلىرىنىڭ <بېرلىن تېمى> نىڭ چېقىلىشىدىن كېيىن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولالايدىغانلىقىنى ھېچكىم خىيالىغىمۇ كەلتۈرەلمەيتتى. ئۇكرائىنانىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ھەممىسى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشنى قارارلاشتۇردى. ئۇكرائىنانىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشى ئۈچۈن تېگىشلىك ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بېرىشى ۋە زامانىۋىلىشىشى مەسىلىسىدە ئۇكرائىناغا ياردەمچى بولىمىز. ئىلگىرى ئۇكرائىنانى زىيارەت قىلغان ۋاقتىمدا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئىشىكلىرىنىڭ ئۇكرائىناغا ھەمىشە  ئوچۇق ئىكەنلىكىنى كىيېۋغا بىلدۈرگەنىدىم.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر