بارزانى: تۈركىيەنىڭ كوردلار بىلەن ئەمەس، پ ك ك بىلەن مەسىلىسى بار

ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى نەچىرۋان بارزانى، تۈركىيەنىڭ سۈرىيەلىك كوردلار بىلەن ئەمەس، تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك بىلەن مەسىلىسى بارلىقىنى ئېيتتى.

1301115
بارزانى: تۈركىيەنىڭ كوردلار بىلەن ئەمەس، پ ك ك بىلەن مەسىلىسى بار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نەچىرۋان بارزانى مەركىزى ئەربىلگە جايلاشقان ئوتتۇرا شەرق تەتقىقاتلىرى ئىنستىتۇتىنىڭ بىر يىغىنىدا سۈرىيە ۋە پ ك ك توغرىسىدا توختالدى؛ ئۇ، تۈركىيەنىڭ سۈرىيە كوردلىرى بىلەن ھېچقانداق بىر مەسىلىسى يوقلۇقىنى تەكىتلەپ، «تۈركىيەنىڭ باشتىن تارتىپ سۈرىيەدىكى كوردلار بىلەن بىر مەسىلىسى يوق، بىراق پ ك ك بىلەن (مەسىلىسى) بار» دېدى.

تۈركىيە تەرەپنىڭ ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىگە «بىز ھېچبىر شەكىلدە چېگرالىرىمىز بىلەن سۈرىيە ئارىسىدا پ ك ك لاتىلىرىنىڭ (ئاتالمىش بايراقلىرىنىڭ) بولۇشىغا يوق قويمايمىز» دېگەن پوزىتسىيەسىنى بىلدۈرگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن بارزانى، «بۇنىڭ سۈرىيەدىكى قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈنمۇ ئېغىر خەۋپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشكە تىرىشتۇق» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى مەۋجۇدىيىتىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن بارزانى، «بىردىنبىر ئىستىكىمىز، كوردلارنىڭ پ ك ك بىلەن ئارىسىغا مۇساپە قويۇشىدۇر. پ ك ك سۈرىيە كوردلىرىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنى يوللۇقلاشتۇرۇشقا ئۇرۇندى ۋە ئەپسۇسكى نۆۋەتتىكى باسقۇچقا كېلىندى» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر