ئامېرىكا پارىژ كېلىمات كېلىشىمىدىن چېكىنىش ئۈچۈن ئىلتىماس سۇندى

ئامېرىكا 2017-يىلىدا چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان پارىژ كىلىمات كېلىشىمىدىن چېكىنىش ئۈچۈن رەسمىي ئىلتىماس سۇندى.

1300430
ئامېرىكا پارىژ كېلىمات كېلىشىمىدىن چېكىنىش ئۈچۈن ئىلتىماس سۇندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ئامېرىكانىڭ پارىژ كىلىمات كېلىشىمىدىن چېكىنىش توغرىسىدا ئىلتىماس سۇنغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا: «پىرېزىدېنت ترامپ ئامېرىكا خەلقىگە، باج تۆلىگۈچىلەرگە ۋە ئۇلارنىڭ خىزمىتىگە يۈكلىگەن يۈك سەۋەبىدىن پارىژ كىلىمات كېلىشىمىدىن چېكىنشىنى قارار قىلدى» دېدى.

مۇتەخەسسىسلەر ئامېرىكانىڭ مەزكۇر كېلىشىمدىن چېكىنىشىنىڭ، زۆرۈر تەرتىپلەر سەۋەبىدىن بىر يىلغىچە سوزۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىرېزىدېنت ترامپ 2017-يىلى 1-ئىيۇن ئاقسارايدا ئېلان قىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئامېرىكانىڭ 190 دىن ئارتۇق دۆلەت ئىمزالىغان پارىژ كىلىمات كېلىشىمىدىن چېكىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.

ئۇ كېلىشىمنىڭ، «كىلىمات ئۆزگىرىشىگە قارشى كۈرەشنى ئەمەس، بەلكى باشقا دۆلەتلەرنى ئامېرىكاغا قارشى ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئارتۇقچىلىققا ئىگە قىلىشنى مەقسەت قىلغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇنىڭ ئامېرىكا ئىقتىسادىدا 3 تىرىلىيون دوللار قىممىتىدە زىيان كۆرۈلۈشىگە ۋە 6.5 مىليون كىشىنىڭ خىزمىتىدىن ئايرىلىشىغا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان ئىدى.

2015-يىلى دېكابىردا فىرانسىيە پايتەختى پارىژدا ئۆتكۈزۈلگەن 21-نۆۋەتلىك ب د ت كىلىمات ئۆزگىرىشى تەرەپلەر كونفېرانسى (COP21) دا ئىمزالانغان كىلىمات كېلىشىمىنى، 2016-يىلى ئاپرېلدا 190 دىن ئارتۇق دۆلەت تەستىقلىغان ئىدى.

ئامېرىكانىڭ سابىق پىرېزىدېنتى باراك ئوباما كۈچلۈك قوللىغان ۋە بۇ ھەقتىكى مۇزاكىرەلەرگە باشچىلىق قىلغان كېلىشىمنىڭ ئاساسىي مەقسىتى، يەر شارىنىڭ ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇراسىنىڭ ئېشىش چېكىنى مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئاخىرىغىچە 1.5 گرادۇستىن 2 گرادۇس ئارىسىدا كونترول قىلىش، دەپ بېكىتىلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر