پ ك ك / پ ي د تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزاسى تاغقا ياماشقۇچى ھىمالايا تاغلىرىدا ئۆلدى
نېپالدا ھىمالايا تېغىغا يامىشىپ چىقىپ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ي پ گ غا سىمۋوللۇق قىلىدىغان لاتا پارچىسى (ئاتالمىش بايرىقى) نى ئاسماقچى بولغان تېررورچىنىڭ ئۆلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نېپالدا ھىمالايا تېغىغا يامىشىپ چىقىپ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ي پ گ غا سىمۋوللۇق قىلىدىغان لاتا پارچىسى (ئاتالمىش بايرىقى) نى ئاسماقچى بولغان تېررورچى - تاغقا ياماشقۇچىنىڭ، تاغقا چىقىش جەريانىدا چارچاپ كېتىپ ئۆلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
ئىسپانىيەلىك تېررورچى تاغقا ياماشقۇچى فېرناندو سانچېز گراسسانىڭ خىملۇڭ تېغىدا ئۆلگەنلىكى؛ نىيىتىنىڭ ھىمالايا تېغىغا پ ك ك / ي پ گ غا سىمۋوللۇق قىلىدىغان پارچە لاتىنى ئېسىش ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
ئىسپانىيە تاراتقۇلىرى، 44 ياشلىق تەشكىلات ئەزاسىنىڭ 2017 – يىلى سۈرىيەگە بېرىپ پ ك ك / ي پ گ تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قاتناشقانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىسرائىلىيە لىۋانغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋاننىڭ جەنۇبىغا كەڭ كۆلەملىك ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى.