سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئامېرىكىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن خەلقئارالىق ھەربىي مانىۋېر باشلاندى

«IMX19» ناملىق خەلقئارالىق دېڭىز ئارمىيە مانىۋېرى ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ قاتنىشى بىلەن بەھرەيندە باشلاندى.

1299752
سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئامېرىكىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن خەلقئارالىق ھەربىي مانىۋېر باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھلىقى دېڭىز ئارمىيە قىسىملىرىنىڭ خەلقئارا دېڭىز ئارمىيە مانىۋىرىغا قاتنىشىش ئۈچۈن بەھرەيندىكى سەلمان دېڭىز ئارمىيە بازىسىغا يېتىپ بارغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان دېڭىز ئارمىيەسىنى، مانامادا تۇرۇشلۇق سەئۇدى ئەرەبىستان ئەلچىخانىسى ھەربىي ئىشلار ۋەكىلى فەھد بىن ئىبراھىم ئەسسەنىياننىڭ قارشى ئالغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى. 

باياناتتا، بۈگۈن باشلانغان «IMX19» ناملىق خەلقئارالىق دېڭىز ئارمىيە مانىۋىرىغا ئامېرىكا قاتارلىق 56 دۆلەت ۋە 7 خەلقئارالىق ئورگاننىڭ قاتناشقانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا بىلدۈرۈلىشىچە، مانىۋېرنىڭ بىرىنچى باشقۇچىدا خەلقئارا دېڭىز سودىسى ۋە دېڭىز قاتنىشى ئەركىنلىكى ھەققىدە نەزىرىيەۋىي تەلىم تەربىيە ئېلىپ بېرىلىدىكەن. ئىككىنچى باسقۇچ خەلقئارا دېڭىز قاتنىشىغا بولغان تەھدىتلەرنى يوقۇتۇش مەقسىتىدە مانىۋېرغا قاتناشقان بارلىق ھەربىي پاراخوتلارنىڭ دېڭىزدىكى پائالىيەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالدىكەن.

باياناتتا مانىۋېرنىڭ قاچان ئاخىرىشىدىغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر