لىۋان خەلقى نامايىشنى داۋاملاشتۇرۇشنى چاقىرىق قىلدى

لىۋاندا ئىقتىسادىي كىرىزىس ۋە باج سىياسەتلىرىگە قارشى 17-ئۆكتەبىردە نامايىش قىلىشنى باشلىغان خەلق، يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇلغىچە نامايىشلارنى داۋاملاشتۇرۇشنى چاقىرىق قىلماقتا.

1299702
لىۋان خەلقى نامايىشنى داۋاملاشتۇرۇشنى چاقىرىق قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھۆكۈمەتنىڭ يېڭى باج سىياسىتىگە قارشى كوچىلارغا چىققان لىۋان خەلقى 29-ئۆكتەبىر باش مىنىستىر سائاد ئەل ھارىرى ئىستېپا بەرگەندىن كېيىن، تۈنۈگۈن (3-نويابىر) پايتەخت بېيرۇتتىكى شېھىتلار مەيدانى بىلەن رىياد سۇلھ مەيدانىنى قايتىدىن تولدۇردى.

پايتەخت ۋە باشقا رايونلاردا «ئىتتىپاقلىق كۈنى» دېگەن نام بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلاردا، «ئىنقىلاب»، «مەزھەپنى ئاساس قىلغان سىياسەت ئاخىرلاشسۇن»، «ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان بۇلاپ-تالانغان دۆلەت ماللىرى قايتۇرۇلسۇن» ۋە «پارىخورلۇق قىلغانلاردىن ھېساب سورالسۇن» دەپ شوئارلار توۋلاندى.

نامايىشچىلار بۈگۈن (4-نويابىر) دىن باشلاپ تاراتقۇلاردا يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇلغىچە، يوللارنى توسۇش ۋە ئومۇمىيۈزلۈك ئىش تاشلاشنى چاقىرىق قىلدى.

لىۋان خەلقى 2019-يىلى 17-ئۆكتەبىر ئۇچۇر-ئالاقىگە، بولۇپمۇ ئالاقە تورى ۋوتسئاپ (WhatsApp) تىن باج ئېلىشقا قارشى نامايىش قىلىشنى باشلىغان ئىدى.

ئۇچۇر-ئالاقە مىنىستىرى مۇھەممەد شۇكاير ۋوتسئاپتىن باج ئېلىش قارارىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لىۋاننىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا كېڭەيگەن نامايىشلار ئىزچىل داۋام قىلماقتا.

ھارىرى ھۆكۈمىتى 2019-يىلى 21-ئۆكتەبىر ئىقتىسادىي كىرىزىسنى يەڭگىللىتىش مەقسىتىدە بەزى قارارلارنى چىقاردى، بىراق بۇلار نامايىشلارنى توختىتىشقا يەتمىدى.  پايتەخت بېيرۇتتا ھىزبۇللاھ ۋە ئەمەل ھەرىكىتى تەرەپدارلىرى بىر قانچە قېتىم ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشلارغا ھۇجۇم قىلدى.

ھارىرى 2019-يىلى 29-ئۆكتەبىر نامايىشلارنىڭ توختىماسلىقى سەۋەبىدىن «لىۋانلىقلارنىڭ ئالىي مەنپەئەتىنى قوغدايدىغان يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ قۇرۇلۇشىنى قارار قىلغانلىقى» نى ئەسكەرتىپ، پىرېزىدېنت مىشېل ئاۋنغا ئىستېپاسىنى سۇنغان ئىدى.

پىرېزىدېنت مىشېل ئاۋن ھارىرىدىن يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇلغىچە ۋەزىپىسىنى داۋاملاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر