ئالتە دۆلەت سۈرىيە ئاساسىي قانۇن كومىتېتىنى قوللىدى

ئامېرىكا، ئەنگلىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، مىسىر، گېرمانىيە ۋە ئىيوردانىيەنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى سۈرىيە ئاساسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ شىۋېيتسارىيە پايتەختى جەنۋە شەھىرىدە مۇزاكىرە باشلىغانلىقىدىن مەمنۇن ئىكەنلىكلىرىنى ئېلان قىلدى.

1298366
ئالتە دۆلەت سۈرىيە ئاساسىي قانۇن كومىتېتىنى قوللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئالتە دۆلەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ ئورتاق يازما بايانات ئېلان قىلىپ، سۈرىيە ئاساسىي قانۇن كومىتېتىنى قوللىغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېرس بىلەن ب د ت سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى گېيىر پېدېرسېن (Geir Pedersen) نىڭ، سۈرىيە سۈرىيە مەسىلىسىدە كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقلىرىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىنىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.  باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«ب د ت نازارىتى ئاستىدا سۈرىيەدە ئەركىن ۋە ئادىل سايلاملارنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشىگە ئىمانىيەت يارىتىپ بېرىدىغان بىخەتەر ۋە بىتەرەپ مۇھىتنى بەرپا قىلىش تىرىشچانلىقلىرىنى قوللايمىز. ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 2254-نومۇرلۇق قارارىنى ئىجرا قىلىش كېرەك.»

باياناتتا يەنە، ئىدلىبتە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش توختىتىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش چاقىرىق قىلىنىش بىلەن بىرگە: «سۈرىيە كىرىزىسىنى ھەربىي يولدىن ھەل قىلىش مۇمكىن ئەمەس. پەقەت ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 2254-نومۇرلۇق قارارى رامكىسىدا سىياسىي جەھەتتىن ھەل قىلىش چارىسى تېپىش مۇمكىن» دېيىلدى.

سۈرىيەنىڭ يېڭى ئاساسىي قانۇنىنى تۈزىدىغان ئاساسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، ب د ت نازارىتى ئاستىدا ئىككىنچى قېتىم بىر يەرگە توپلاندى. كومىتېتنىڭ بىرىنچى يىغىنى چارشەنبە كۈنى (2019-يىلى 30-ئۆكتەبىر) ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى ئىشخانىسىدا ئېچىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر