سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلمان، ھىندىستان باش مىنىستىرى مودىنى قىزغىن كۈتۈۋالدى
سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدا ئىستىراتېگىيەلىك شېرىكلىك كېڭىشى قۇرىلىدىغان بولدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلمان بىن ئابدۇلئەزىز ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندىرا مودى بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشىدا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئىستىراتېگىيەلىك شېرىكلىك كېڭىشى قۇرۇلىشى ئۈچۈن كېلىشىم ھاسىل قىلىندى.
سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى «SPA» نىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، پادىشاھ سەلمان باش مىنىستىر مودى بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشىدا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئوخشاش بولمىغان ساھەلەر بويىچە ھەمكارلىق ئورنىتىشتىن باشقا يەنە، ئورتاق ئۈنۈمگە ئىگە تېمىلارنىمۇ مۇزاكىرىلەشكەن.
مودىنىڭ بىر كۈنلۈك سەئۇدى ئەربىستان زىيارىتىدىن كېيىن ئېلان قىلىنغان ئورتاق باياناتتا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسدا ئىستىراتېگىيەلىك شېرىكلىك كېڭىشى قۇرۇلۇشى كېلىشىمى ئىمزالانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ئۇچرىشىشتا سۈرىيە ۋە يەمەن كىرىزىسلىرىدىن باشقا يەنە، پەلەستىندە ئادىل ۋە كەڭ دائىرىلىك ھەل قىلىش چارىسىنى ئاساس قىلغان تىنچلىقنىڭ بەرپا قىلىنىشىغا دائىر ئۈمىتلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئورتاق ئۈنۈمگە ئىگە رايون خاراكتېرلىق ۋە خەلقئارلىق تېمىلار مۇزاكىرە قىلىندى.
ھىندى ئوكيان ۋە باسرا قولتۇقىدىكى خەۋپ ۋە تەھدىتلەرنىڭ بىخەتەر ھالغا كەلتۈرۈلىشى ئۈچۈن ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق خىزمەت قىلىشىنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلەندى.
سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئاممىۋىي جايلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان تېررورلۇق ھۇجۇملىرى ھەر ئىككى دۆلەت تەرىپىدىن ئەيىبلەندى.
ئۇچرىشىشتا كەشمىر مەسىلىسىگە ئالاقىدار ھېچبىر تېمىنىڭ كۈنتەرتىپكە كەلمىگەنلىكى ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.