ھىندىستاندا بىر كالا 40 گىراملىق ئالتۇن بويۇملارنى يېۋالدى

ھىندىستاننىڭ ھاريانا ئۆلكىسىدە بىر كالا 40 گىراملىق ئالتۇن زىبۇ - زىننەت بويۇملىرىنى يېۋالدى.

1297200
ھىندىستاندا بىر كالا 40 گىراملىق ئالتۇن بويۇملارنى يېۋالدى

ھىندىستاننىڭ يەرلىك مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سىرسا رايونىدا تۇرۇشلۇق جاناكراجنىڭ ئايالى بىلەن كېلىنى ئالتۇن زىبۇ زىننەت بويۇملىرىنى بىر قاچىنىڭ ئىچىگە قويغان.

ئالتۇن زىبۇ زىننەت بويۇملىرى كېيىن دىققەتسىزلىكتىن كۆكتات قالدۇقلىرىنىڭ ئاستىدا قېلىپ، ئەخلەتكە ئېتىلغان.

جاناكراج مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، سىن كۆرۈنۈشلىرى ئارقىلىق تاشلانغان ئەخلەتلەرنى بىر كالىنىڭ يېگەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىققانلىقىنى ئېيتتى.

ئاندىن ھايۋانات دوختۇرىنىڭ ياردىمى بىلەن كالىنى تېپىپ ئۆيىگە يېقىن بىر ئۇچۇق يەرگە باغلىقغانلىقىنى ۋە ئۇنى ياخشى بېقىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن جاناكراج: «كالا تېزەكلىگەندە ئالتۇنلىرىمىزنى تىپىۋېلىشنى ئۈمىت قىلماقتىمىز. شۇڭا ئۇنى بېقىۋاتىمىز. ئەگەر تېزەكلەردىن ئالتۇن بۇيۇملىرىمىزنى تاپالمىساق، ئامالسىز كالىنى قويىۋېتىمىز» دېدى.

ھىندىستاندا كالىغا چوقۇنىدىغان ئەنئەنە بولغاچقا، كالا ئۆلتۈرۈش ئەڭ ئېغىر گۇناھ ھېسابلىنىدۇ.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر