باغدادىنىڭ جەسىتىنىڭ دېڭىزغا تاشلىۋېتىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھەپتە ئاخىرىدا سۈرىيەنىڭ ئىدلىب رايونىدا ئېلىپ بارغان زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە ئۆلتۈرۈلگەن دائېش كاتتىبېشى ئەبۇبەكىر باغدادىنىڭ جەسەت قالدۇقلىرىنى دېڭىزغا تاشلىۋەتكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى.

1296535
باغدادىنىڭ جەسىتىنىڭ دېڭىزغا تاشلىۋېتىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دائېش كاتتىبېشى ئەبۇبەكىر باغدادىنىڭ جەسىتى ھەرىكەت رايونىدىن ئېلىنىپ ئامېرىكىنىڭ بىر بازىسىدا DNA تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىنكى ئاقىۋىتى قىزىق تېمىغا ئايلانغانىدى.

ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ مەسىلىگە دائىر سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئىسمىنىڭ ئاشكارىلانماسلىقىنى تەلەپ قىلغان بىر ئەمەلدارى،  جەسەتنىڭ دېڭىزغا تاشلىۋېتىلگەنلىكىنى جەزملەشتۈردى، بىراق ئۇ جەسەت تاشلىۋېتىلگەن ئورۇن ھەققىدە تەپسىلىي ئۇچۇر بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى مارك مىللېي، تۈنۈگۈن باغدادىنىڭ جەسىتىنىڭ دېڭىزغا تاشلىۋېتىلىپ - تاشلىۋېتىلمىگەنلىكى توغرىسىدىكى بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ، جەسەتنىڭ قالدۇقلىرىنىڭ خەلقئارا ئۇرۇش قانۇنىغا مۇۋاپىق شەكىلدە بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئېيتقانىدى.

دائېش كاتتىبېشى ئەبۇبەكىر باغدادى ئامېرىكا ئالاھىدە ھەرىكەت قىسىملىرىنىڭ 8 تىك ئۇچار ئايروپىلان بىلەن ئىدلىبنىڭ شىمالىدا ئېلىپ بارغان بىر قېتىملىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە ئۆلۈك ھالەتتە قولغا چۈشۈرۈلگەنىدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، باغدادىنىڭ ئۆزى تۇرۇۋاتقان ئۆينىڭ ئاستىدىكى ئايىغى چىقماس بىر تونېلغا كىرگەندىن كېيىن ئۈستىگە كىيىۋالغان ئادەم بومبا ھۇجۇمى جىلىتكىسىنى پارتلىتىپ، يېنىدىكى ئۈچ بالا بىلەن بىرلىكتە ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر